|
قاراماي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى شۈ ۋېيشى
پارتىيە 17- قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم ھەم پەخىرلەندىم. يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىنىڭ تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئېنىق، مەسىلىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ مول نەتىجىسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسىنىڭ ئو-مۇمىي بايانى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئېلىمىزدە ئۆزگىرىش زور، تەرەققىيات تېز بولدى. دۆلەت تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى، خەلق تېخىمۇ بەختلىك بولدى، بۇ پارتىيىمىزنىڭ توغرا رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى.
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتا، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بىرىنچى ۋەزىپىنى قەتئىي تەۋرەن-مەي چىڭ تۇتۇپ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىش كېرەك. قايتقاندىن كېيىن 17- قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت تەسەۋۋۇرىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاراماي ۋە شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى ئايلاندۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار، پەن - تېخنىكا ۋە باشقۇرۇشقا تايىنىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز مەھسۇلاتىنى مىقدارىنى مۇقىم ئاشۇرىمىز. ئېنېرگىيە ئېچىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت - سائادەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلىمىز.
|