باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>قىسقا خەۋەرلەر
دوكلاتتا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ
2007- 10- 22 17:10 شىنجاڭ گېزىتى

   بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 4 - شى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى لۇ شياۋفېڭ

   يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتى كىشىنى ھاياجانلاندۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. دوكلاتتا پۈتۈن پارتىيىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى. مەن ئۈچ جەھەتتىن تەسىراتقا ئىگە بولدۇم: 1. دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى مۇجەسسەملەنگەن ئىدىيىۋى ئاساس سېلىنغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ؛ 2. ئادەمنى ئاساس قىلىش تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، مەملىكەت خەلقى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ؛ 3. بايلىقنىڭ يارىتىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى، سوتسىيالىزمنىڭ ئىشلەش ئارقىلىق يارىتىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يېتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ئېتىقادىم تېخىمۇ چىڭىدى.

   بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 17- قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئاساسلىقى، پەن - تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ئورۇنلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە پورت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېمەكلىك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى كەسىپلىرى ۋە سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇپ، 4 - شىنى چېگرا رايوندىكى كۈچلۈك شى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خىزمەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.
 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ