|
نۇر بەكرى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالدى

نۇر بەكرى 17–قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىدە شياڭگاڭ ‹‹ئادالەت گېزىتى›› مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزىنىڭ تەكلىپى بىلەن پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭلىق ۋەكىللەردىن نۇر بەكرى، شۈ ۋېيشى، گو مېيجېن، فاڭ مىن قاتارلىقلار 19–ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، شياڭگاڭ ‹‹ئادالەت گېزىتى››، رېيتېر ئاگېنتلىقى، ياپونىيە ‹‹قىزىل بايراق››گېزىتى قاتارلىق چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋەكىل نۇر بەكرى زىيارەت جەريانىدا مۇنداق دېدى: پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، پەن – تېخنىكا قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى بىلەن جەمئىيىتىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئاساس ۋە مۇستەھكەم تايانچقا ئىگە قىلدى.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، چەت ئەل مۇخبىرلىرى قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىگە شىنجاڭلىق ۋەكىللەرنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدا بەس – بەستە ئىلتىماس سۇندى، زىيارەت ئوبيېكتىلىرى يۇقىرىقى تۆت ۋەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئالاقىلىشىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نۇر بەكرى قاتارلىق تۆت ۋەكىل بېيجىڭدىكى ئاخبارات مەركىزى تۇرۇشلۇق جاي ‹‹مېيدىيا››مەركىزىگە كېلىپ، ئىلتىماس سۇنغان چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
نۇر بەكرى شياڭگاڭ ‹‹ئادالەت گېزىتى››مۇخبىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: 50نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مائارىپ تولۇق بولغان مۇكەممەل خەلق مائارىپ سىستېمىسى شەكىللەندى. دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن شىنجاڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تېزلىتىپ، 2003–يىلىدىن باشلاپ، ئالدى بىلەن نامرات رايونلاردىكى 2 مىليون 50مىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ‹‹ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرنى تولۇقلاش ››نى يولغا قويدى. 2006–يىلى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش يېڭى مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 2 مىليون 390مىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلدى، 84ناھىيە (شەھەر)دىكى 2 مىليون 280مىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئوقۇشلۇق بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان 157مىڭ 600ئوقۇغۇچىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردى، بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى بارلىق نامرات ئوقۇغۇچى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولدى؛ دۆلەت ۋە ئىچكىرى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ قوللىشى بىلەن، 2000–يىلىدىن باشلاپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى 12تەرەققىي قىلغان شەھەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىندى، 2006–يىلى 26شەھەرگە، 45مەكتەپكە يەتتى، بۇ يىل 5000ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى، بۇنىڭ %90تىن كۆپرەكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى. 2004–يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈرۈمچى قاتارلىق سەككىز شەھەردە رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنىپ، ئاساسەن چەت، يىراق يېزا – قىشلاقلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىندى، شۇ يىلى 1000ئوقۇغۇچى، بۇ يىل 5000ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. ئاپتونوم رايون ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك مائارىپىدا كۆپ خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ، مىللەتلەرنىڭ ساپاسى زور دەرىجىدە ئۆستى، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان مائارىپ ئىشلىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى بىلەن جەمئىيىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ، ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن مائارىپ ئىشلىرى سېلىنمىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
نۇر بەكرى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق مۇخبىرلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
ۋەكىل شۈ ۋېيشى، گو مېيجېن، فاڭ مىن شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا رېيتېر ئاگېنتلىقى ۋە ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئامېرىكا ‹‹مۇھاجىرلار گېزىتى››، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ‹‹جۇڭگو گېزىتى››قاتارلىق مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ زىيارەتنى ئاڭلىدى.
|