|

يولداش خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
يىغىندا ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىققان پارتىيە 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرى ئىسىملىكى(لايىھە) ماقۇللاندى ۋە ئۇنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىغا تاپشۇرۇش قارار قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەملىكەتلىك 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 20–ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا 3 – قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرى ئىسىملىكى(لايىھە) نى ماقۇللىدى ۋە ئۇنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىغا تاپشۇرۇشنى قارار قىلدى.
يولداش خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىققان پارتىيە 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرى ئىسىملىكى(لايىھە) ماقۇللاندى ۋە ئۇنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىغا تاپشۇرۇش قارار قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 18–ئۆكتەبىردىن باشلاپ، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى ماقۇللىغان پارتىيە 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا كۆرسىتىلىدىغان زاپاس نامزاتلار ئىسىملىكىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان. ۋەكىللەر مۇنداق قارىغان: بۇ ئىسىملىك پارتىيىدە دېموكراتىيىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىققان، ئومۇمىي قۇرۇلمىسى بىر قەدەر مۇۋاپىق، نامزاتلارنىڭ ئىدىيە، سىياسىي ساپاسى بىر قەدەر ياخشى، خىزمەت نەتىجىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىمۇ خېلى يۇقىرى بولۇپ، بىر قەدەر ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغان لايىھە.
19–ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ۋە 20–ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن قۇرۇلتاي ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىنى ئالدىن سايلاپ چىقتى. قۇرۇلتاي سايلام چارىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، تەييارلىق سايلىمىدا ئارتۇق نامزاتلىق سايلام چارىسى قوللىنىلدى، ئارتۇق نامزات نىسبىتى%8تىن يۇقىرى بولدى. پۈتكۈل تەييارلىق سايلىمى خىزمىتى بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ نازارەتچىلىكىدە قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلدى. تەييارلىق سايلىمى نەتىجىسى قانۇنلۇق، كۈچكە ئىگە.
20–ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، قۇرۇلتاي ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەيئەت رىياسىتى ماقۇللىغان مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرى ئىسىملىكىنى غۇلغۇلا قىلىشتى. 21–ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن قۇرۇلتاي رەسمىي سايلام ئۆتكۈزىدۇ.
|