|
‹‹يۇرتىمىزنىڭ مۇخبىرى كەپتۇ، قېنى مەرھەمەت!››. 18–ئۆكتەبىر چۈشتە، بىز بىلەن بىر مېھمانخانىدا تۇرۇۋاتقان پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ تۇغۇت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋراچى جياڭ شۇچىڭنىڭ ئىشىكىدىن كىرىشىمگىلا ئۇ مۇشۇ سۆزنى قىلدى. 2002 يىلىدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان بۇ دوختۇرنىڭ يېقىملىق سۆزلىرى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.
سۆز تېمىمىز يەنىلا ئۇنىڭ ئاشۇ ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كەچۈرمىشىگە مەركەزلەشتى. ئەينى چاغدا ئايرودروم، يول ياسىلىۋاتقان بولغاچقا، تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن جياڭ شۇچىڭ ئايروپىلان بىلەن قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن 40نەچچە كادىر بىلەن بىللە، يەنە يەتتە سائەتتىن كۆپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ خوتەن شەھىرىگە كەلدى. جياڭ شۇچىڭ بىلەن باشقا ئۈچ يولداش يول ئازابىنى تارتىپ چىرا ناھىيە بازىرىغا كەلگەندە، كۆز ئالدىدىكى كۆرۈنۈش ئۇنى تولىمۇ ھاڭ تاڭ قالدۇردى: ناھىيە بازىرىدا يا تۈزۈكرەك بىرەر بىنا، يا بىرەر كوچا ئاپتوبۇسى كۆرۈنمەيتتى، ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ تاملىرىغا چاك كەتكەن بىرنەچچە كونا بىر قەۋەتلىك ئۆيىلا بولۇپ، ئاغرىقلار ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ يۈرۈشەتتى، زامانىۋى ئەسۋاب ئۈسكۈنىلەردىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى...
يۇرتى بىلەن بۇ جاي ئارىسىدىكى زور پەرق، ئائىلىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى غەشلىك تۈپەيلىدىن جياڭ شۇچىڭ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى. ‹‹مەن ياش ۋاقتىمدا يېزىغا بېرىپ قايتا تەربىيە ئالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتەنگە كېلىشتىن ئىلگىرىلا جاپا چېكىشكە ئىدىيەمدە خېلى تەييارلىق قىلغانىدىم، لېكىن شۇ چاغدا يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆيگە كىرىپ بېشىمنى پۈركەپ تازا يىغلىدىم››، دېدى جياڭ شۇچىڭ سەل خىجىللىق بىلەن.
چىرىدىكى ئاددىي ساددا، قەيسەر كادىرلار ۋە ئاق كۆڭۈل ھەر مىللەت ئامما جياڭ شۇچىڭغا كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلدى. ‹‹ئۇلار شارائىتى جاپالىق چېگرا رايوندا چۈجگۈن، قىزىل يۇلغۇنغا ئوخشاش بىر ئۆمۈر يىلتىز تارتىپتۇ، ئۇلار ئاغرىنمايدىكەن، ئەكسىچە ئۈمىدۋار، كەڭ قورساق بولۇپ، جان پىدالىق بىلەن ئىشلەيدىكەن، مەن چىرىدا پەقەت ئۈچ يىللا ئىشلەيمەن، شۇڭا دوختۇر ئاز، دورا قىس شارائىتتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك››، دەپ ئويلىدىم دېدى ئۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ چىرا ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا ‹‹بېيجىڭدىن كەلگەن، ھېرىپ چارچاشتىن قورقمايدىغان بىر مۇتەخەسسىس›› كۆپەيدى. ئۇ ناھايىتى تېزلا بۇ يەردىكى ئاياللاردا بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى بايقاپ، بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس مەبلەغ جەھەتتىن ۋە بېيجىڭ تۇغۇت دوختۇرخانىسىنىڭ ماشىنا ئۈسكۈنىلەر جەھەتتىن ياردەم قىلىشىنى پائال قولغا كەلتۈردى، ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىكى تۆت دوختۇرنى باشلاپ، يېزا كەنتلەرگە بېرىپ ناھىيىلىك دوختۇرخانا تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى، تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ناھىيىدىكى يەتتە يېزا، بىر بازاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئەڭ يىراق بولغاندا ناھىيە بازىرىدىن 150كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كەنتكىچە باردى. ئاخىرىدا ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلانغان بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان 40نەچچە ئاغرىق ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ داۋالاندى، ئەڭ دەسلەپتە داۋالانغان بوستان يېزىسىدىكى مەرەمنىساخان پۈتۈنلەي ساقايدى. ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن غەربىي رايون خەير ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى تۇنجى تۈر قىلىپ بېكىتتى.
‹‹مەن فوندى جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىغا: سىلەر چوقۇم بىزنىڭ چىرىغا ئالدى بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلار كېرەك، چۈنكى ئۇ مېنىڭ يۇرتۇم، دېگەنىدىم››، دېدى جياڭ شۇچىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.
جياڭ شۇچىڭ ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كەچۈرمىشىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە چىرىغا بەزى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن بولساممۇ، ئۆزۈم تېخىمۇ كۆپ نەرسىگە ئېرىشتىم، ھەرقايسى جەھەتلەردىن تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدىم، بىر پارتىيە ئەزاسى، بىر تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيەت تۇيغۇم تېخىمۇ كۈچەيدى، تېخىمۇ كونكرېتلاشتى.
بۇ يىل 7 ئايدا جياڭ شۇچىڭ غەربىي رايون خەير ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتىدىكىلەر بىلەن بىللە چىرىغا يەنە بىر قېتىم كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىرىدا كۆپ ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ، يول، كوچىلار كېڭىيىپتۇ، يۇرتداشلار يەر تەۋرەشكە چىداملىق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپتۇ. ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ يېڭى ئامبۇلاتورىيە بىناسىمۇ پۈتۈپتۇ، بۇنىڭدىن بەكلا خۇشال بولدۇم! جياڭ شۇچىڭ 2 يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىگىنىدە، چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى.
مەن جاڭ شۇچىڭنىڭ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدىكى ‹‹غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ... ئىنقىلابىي كونا رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك››، دېگەن سۆزنىڭ ئاستىنى سىزىپ قويغانلىقىغا دىققەت قىلدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىايتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەرمەكتە، 2 – يۇرتۇمدىكى پۇقرالارنىڭ بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
2 – يۇرتىغا بولغان چوڭقۇر رىشتى تۈپەيلى جياڭ شۇچىڭ سورۇنلاردا ھەر خىل شەكىللەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭ، بولۇپمۇ خوتەن ۋىلايىتى ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈۋېتىپتۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: دائىم يولدىشىمغا: شىنجاڭ ياخشى جاي، يەنە پۇرسەت بولسا، شىنجاڭغا بىللە بېرىپ ئىشلەيلى دەيمەن››.
|