باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>باش خەۋەر
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭايلى
2007- 10- 16 12:39 شىنجاڭ گېزىتى

—جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەملىكەتلىك 17-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

   بۈگۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەملىكەتلىك 17-قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە يېڭى ئىستىقبال نامايان بولدى.

   پارتىيە 17-قۇرۇلتىيى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي مەملىكىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرۇۋاتقاندا ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتايدا دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى يېتەكچى قىلىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خىزمەتلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەستايىدىل خۇلاسىلىنىدۇ. پارتىيىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان،  مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىدۇ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سەپەرۋەر قىلىنىدۇ.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، پارتىيىمىز مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئاچتى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، بىز 29يىلدىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىستراتېگىيىلىك يۆتكەشنى، پىلان ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىدىن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ئۆتۈشنى، يېپىق، يېرىم يېپىق ئىگىلىكتىن ئېچىۋېتىلگەن ئىگىلىككە ئۆتۈشنى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا كىيىش، تويۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. سىياسىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتتا مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

   پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل دۆلىتىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بەش يىل. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت، ئىچكى جەھەتتىكى  ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ غايەت مۈشكۈل ۋەزىپىسى ئالدىدا يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش››مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشى، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلققە مۇھەببەت باغلاش، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە كۆپرەك ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىسىدىن خەلقنى بەھرىمەن قىلىشقا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىگە تېخىمۇ ئېرىشتى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەشتۈردى.

   ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان، مىللەتنىڭ قەددىنى كۆتۈرىدىغان، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان بىردىنبىر توغرا يول. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ توغرا بولۇشى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېتەكچىلىك قىلالىشىدىكى ئاچقۇچ شۇكى، بىز  ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىدا چىڭ تۇردۇق ھەم ئۇنى مەملىكىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، جۇڭگوچە روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدۇق. سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىجادىيىتى، تارىخنىڭ تاللىشى،  خەلقنىڭ تاللىشى ۋە دەۋرنىڭ تاللىشى.

   بىز كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. كەلگۈسىدىكى بەش يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ نىشانغا يېتىشتە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسلى كۆرۈلمىگەن  پۇرسەتكە دۇچ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقىمۇ دۇچ كېلىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاق مۇددەت تۇرىدۇ، خەلقنىڭ كۈندىن  كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي، مەدەنىيەت  ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يەنىلا بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق زىددىيەت. بىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، دەۋر  يۈكلىگەن يۈكسەك بۇرچنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە  ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيىدە قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

   ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش كېرەك. پارتىيە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئالغان، خەلق پارتىيىدىن ئۈمىد كۈتىدۇ. بىز چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، ھەر قايسى سەپتىن كەلگەن 2200دىن ئارتۇق ۋەكىل چوقۇم بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايدۇ، پارتىيە 17-قۇرۇلتىيى چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، يۈكسەك جاسارەت ۋە ئالغا ئىنتىلىش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت دەۋر تۈسى بىلەن پارتىيىنىڭ شانلىق تارىخىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى بارغانسېرى داغداملىشىدۇ.    

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ