باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>كوممۇنىسىتلارغا مەدھىيە>>مەخسۇس خەۋەرلەر
يايلاقتىكى ‹‹كىندىك ئانا››
2007- 10- 12 13:00 شىنجاڭ گېزىتى

17-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، بۇرۇلتوقاي ناھىيىلىك ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىنىڭ باشلىقى جاڭىل راقات توغرىسىدا

   جاڭىل راقات قازاق مىللىتىدىن چىققان مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ھۆرمەت قىلىدىغان ‹‹كىندىك ئانا››، يايلاقتىكى ئانىلارنىڭ تەبەسسۇمى ئۈچۈن جاڭىل ياشلىق باھارى، ئىسسىق قېنىنى تەقدىم قىلدى.

ئانىلارنىڭ تەبەسسۇمى ئۈچۈن

   بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىنىڭ سۈيى ئەلۋەك، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، قازاق مىللىتىنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى 70مىڭغا يېتىدۇ، بۇ ناھىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ%51ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاتا – بوۋىلىرىدىن تارتىپ يايلاقتا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قازاق چارۋىچىلار تۇنجى پەرزەنتىنى تۇغدۇرغان ئايالنى ئۆمۈرلۈك ‹‹كىندىك ئانا››، دەپ قارايدۇ. كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى ئۇلارنى كىگىز ئۆيدە تۇغۇشقا ئادەتلەندۇرگەن.

   1971-يىلى جاڭىل راقات بۇرۇلتوقاي ناھىيىلىك ج خ دېھقانچىلىق مەيدانى دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى بولدى. خەنزۇ تىلى ۋە كەسپىي پەرۋىش تېخنىكىسىنى جاپالىق ئۆگىنىش بىلەن بىللە، خەلق ئارىسىدىكى تۇغدۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئىگىلىدى ھەم دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، باشقا دوختۇرخانىلارنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىگە بېرىپ ئۆگەندى.

   1978–يىلى 5 – ئايدا، جاڭىل راقات ئارزۇسى بويىچە بۇرۇلتوقاي ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىگە خىزمەتكە چۈشتى. 1980–يىلى 5 – ئايدا دوختۇرخانىغا كەلگەن ھامىلىدار ئايال تۇغۇت بۆلۈمىگە كىرىشكە ئۈلگۈرمەي، كارىدوردا يەڭگىپ قويدى. بۇ ھامىلىدار ئايال ھالسىزلىنىپ يەرگە يىقىلىپ قالغان بولۇپ، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن، بوۋاق نەپىسى بوغۇلۇپ، ھاياتىي خەۋپ ئىچىدە قالغانىدى. جاڭىل راقات كۆپ ئويلانماستىنلا بوۋاقنىڭ ئاغزىدىكى بۇلغانمىلارنى سۈمۈرۈپ چىقىرىپ، سۈنئىي نەپەسلەندۈردى. يەتتە مىنۇت جىددىي قۇتقۇزۇشتىن كېيىن، بوۋاقنىڭ ھاياتى ساقلاپ قېلىندى.

   1978–يىلىدىن 1999–يىلىغىچە، جاڭىل راقات بۇرۇلتوقاي ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا سېسترا، باش سېسترالار باشلىقى، دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، ئۇ مەيلى قايسىلا ئىش ئورنىدا بولسۇن، ھامىلىدار ئاياللارغا ئىزچىل كۆيۈندى. جاڭىل راقات ھەر بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ ھالىدىن ئەستايىدىل خەۋەر ئالدى. 1978–يىلىدىن 1980–يىلىغىچە يەڭگىيدىغانلار كۆپەيگەن مەزگىلدە، ئۇ كۈنىگە ئىككى ئايالنى تۇغدۇردى، ھەر كۈنى 15سائەتتىن ئارتۇق ئىشلىدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئۇ 1000دىن ئارتۇق بوۋاقنى ئۆزى بىۋاسىتە تۇغدۇردى. ئۇ تېببىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان 30نەچچە يىلدا، يايلاقتىكى 6000دىن ئارتۇق بوۋاقنى سالامەت تۇغدۇردى.

   جاڭىل راقاتنىڭ يېڭى ھاياتلىقنى دۇنياغا كەلتۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى شىخانجىدە يېزىسىنىڭ باشلىقى شاھىنبېك قوشگېزەك قىزلىرىغا سەلتەنەت ۋە پاراسەت دەپ ئىسىم قويۇپ، جاڭىل راقاتنىڭ پەرزەنتلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

چەكسىز مۇھەببەت

   1999–يىلى جاڭىل راقات بۇرۇلتوقاي ناھىيىلىك ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىنىڭ باشلىقى بولدى. شۇ چاغدا ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى قالاق، خادىملىرى يېتىشمەيدىغان بولۇپ، جاڭىل راقات بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ناھايىتى ئالدىرىدى. بۇ گوۋۇيۈەن ئانا – بالىلار خىزمەت كومىتېتى، سەھىيە مىنىستىرلىكى ۋە مالىيە مىنىستىرلىكى بىرلىكتە قانات يايدۇرغان ‹‹ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە بوۋاقلاردىكى قاتما كېسىلىنى تۈگىتىش›› تۈرىنىڭ 1 – قارارلىق (2001–يىلىدىن 2003–يىلىغىچە) خىزمىتىنىڭ 2001–يىلى ئىلى، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 29نامرات ناھىيىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇنىڭ بۇرۇلتۇقاي ناھىيىسىدىكى نامرات دېھقان – چارۋىچىلار، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلارغا نەپ يەتكۈزۈلىدىغان پايدىلىق پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ تۈرنى ئاكتىپ قولغا كەلتۈردى. ئۇ ئۆزى ياققان نانلىرىنى ئېلىپ، ئەرزان كېچىلىك ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلەشتى. تۈر مەبلىغى قولغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، جاڭىل راقات يېزىلارغا تۇغۇت كارۋىتى، ئوكسېگىن سۈمۈرۈش ئۈسكۈنىسى، ھامىلە يۈرەك رىتىمىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ بەردى. ناھىيىدىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۆز جايىدا داۋالىنىش مەسىلىسى ئاخىرى ھەل قىلىندى.

   بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ ئارىلىقى نەچچە يۈز كىلومېتىر بولۇپ، دېھقان – چارۋىچىلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ھامىلىدارلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، جاڭىل راقات ۋە ئۇنىڭ سەپدىشى ھەر ئىككى ئايدا ناھىيىدىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۆيىگە بىر قېتىم بېرىشى كېرەك ئىدى. ھەممە ئائىلىگە بىر قېتىم بېرىش ئۈچۈن، يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتەتتى. بىر يىلدا ئۇنىڭ ئۈچ ئاي ۋاقتى يېزىدا ئۆتەتتى. يايلاقتىكى چارۋىچىلارنىڭ ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى كەمچىل بولغاچقا، جاڭىل راقات ھەمىشە تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ھەممە ئائىلىگە كىرىپ، ھامىلىدار ئاياللارغا خىزمەت ئىشلەيتتى، ئۇلارغا ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، سالامەتلىكىنى تەكشۈرەتتى. بەزى ھامىلىدار ئاياللار دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇشنى خالىمىغاندا، جاڭىل راقات ئۇلارغا سەۋىرچانلىق بىلەن خىزمەت ئىشلەيتتى، بەزىدە ئۇلارنى ئۆزى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەيتتى.

   2001–يىلى ‹‹ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە بوۋاقلاردىكى قاتما كېسىلىنى تۈگىتىش›› تۈرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدە تۇغۇت بۆلۈمى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى تەسىس قىلىندى. ھامىلىدارلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ‹‹يېشىل كارىدورى›› ئېچىلىپ، نامرات ھامىلىدارلاردىن نورمىلىق ھەق ئېلىش يولغا قويۇلدى. ھامىلىدارلارنىڭ دوختۇرخانىدا تۇغۇش نىسبىتى، خەتەرلىك ھامىلىدارلارنىڭ دوختۇرخانىدا تۇغۇش نىسبىتى ۋە يېڭى ئۇسۇل بويىچە تۇغدۇرۇش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلدى. بوۋاقلاردا قاتما كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %0بولدى. ھامىلىدارلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى  % 97.78 گە يېتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە  قولغا كەلتۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە ‹‹ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە بوۋاقلاردىكى قاتما كېسىلىنى تۈگىتىش›› تۈرىنى ئىجرا قىلىشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالاندى.

   جاڭىل راقاتمۇ ئالتاي ۋىلايىتى بويىچە ‹‹8 – مارت›› قىزىلبايراقدارى، ئاپتونوم رايون بويىچە پەرۋىش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس، مەملىكەت بويىچە پەرۋىش خىزمىتى بىلەن 30يىل شۇغۇللانغۇچى قاتارلىق نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشتى؛ 2001–يىلى، ئۇ ج ك پ  ئاپتونوم رايونلۇق 6 – قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى؛ 2004–يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى بولدى؛ 2005–يىلى 3 – ئايدا، ئۇ ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئاياللار تۆھپە قوشۇش›› ئۈلگىسى، دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى، يەنە ئالتاي ۋىلايىتىدىكى 2 – نۆۋەتلىك ‹‹ئون كۆزگە كۆرۈنگەن ئايال›› دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ 2005–يىلى 4 – ئايدا، مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى، مەملىكەتلىك ‹‹8 – مارت›› قىزىلبايراقدارلار ئۈلگىسى، دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ