|
—پارتىيە 17-قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسى فاڭ مىن توغرىسىدا

ئۇ ئىلگىرى نەچچە 10مىڭ كىشىلىك دۆلەت كارخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئىدى، ئۇ ئومۇمىي مۆلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى دەپ، باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ، پۇقراۋىي كارخانىغا كەلدى. ئۇ يۈرەكلىك سىناق قىلىپ، توختىماي ئىزدىنىپ، كارخانا پارتىيە تەشكىلاتىنى يېتەكلەپ، ئومۇمىي مۆلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى.
ئۇ شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسى فاڭ مىن. شىنجاڭ گۇاڭخۇي گۇرۇھىنى 1989-يىلى كەسىپ ئالماشقان كادىر سۈن گۇاڭشىن قۇرغان. 1993-يىلى، گۇاڭخۇي گۇرۇھى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئومۇمىي مۆلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى كارخانا پارتىيە ياچېيكىسىنى قۇردى، تەكلىپكە بىنائەن گۇرۇھنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورلۇقىنى ئۈستىگە ئېلىۋاتقان فاڭ مىن پارتىيە، ئىتتىپاق خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. 1996-يىلى گۇاڭخۇي تاش ماتېرىياللىرى پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى ئاپتونوم رايوندىكى ئومۇمىي مۆلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى كارخانىلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ پارتكوم قۇردى، فاڭ مىن تۇنجى نۆۋەتلىك پارتكوم شۇجىلىقىغا كۆرسىتىلدى، 1998-يىلى 10-ئايدا، گۇاڭخۇي گۇرۇھى پارتكومى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئۇ يەنە پارتكوم شۇجىسى بولدى.
پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى بولغان فاڭ مىن شۇنى ئېنىق تونۇپ يەتتى: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، پارتىيىنىڭ مەركىزىي خىزمىتى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، شۇڭا ھەر قانداق ئىگىلىكتىكى كارخانىدا پارتىيە تەشكىلاتى بۇ مەركەزنى چىڭ چۆرىدىگەن ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل ‹‹پارتىيە قۇرۇلۇشىغا شەرەپ كەلتۈرۈپ، كارخانا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش››نى نىشان قىلىپ، پۇقراۋىي كارخانىنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى ئاڭلىق ھالدا مەركەز قىلىپ، نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ ئىگىلىكنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇشىغا ئاكتىپ ماسلاشتى، پارتىيە تەشكىلاتى كارخانىدا كاپالەتلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش رولىنى ھەقىقىي ئوينىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ تىجارەت كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، كارخانا پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى بىر پارتىيە ياچېيكىسى، 13پارتىيە ئەزاسىدىن ھازىرقى 141 پارتىيە ياچېيكىسى، 4398پارتىيە ئەزاسىغا تەرەققىي قىلدى. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، فاڭ مىننىڭ ئومۇمىي مۆلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان چۈشەنچىسىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئۇ ئومۇمىي مۆلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كارخانىدىكى ئورنى، رولىنى ‹‹كاپالەتلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش››تىن ئىبارەت تۆت ئاساسىي مەسئۇلىيەتكە يىغىنچاقلاپ، ‹‹كارخانا قانچىلىك زورايسا، پارتىيە تەشكىلاتىنىمۇ شۇنچىلىك زورايتىش، پارتىيىنىڭ پائالىيىتىنى شۇنچىلىك راۋاجلاندۇرۇش›› دەك خىزمەت تەسەۋۋۇرى ۋە ياچېيكا، باش ياچېيكا ۋە ئىككى دەرىجىلىك پارتكوم ‹‹تۆت دەرىجە تۈزۈمى››دىكى تەشكىلىي سىستېمىنى شەكىللەندۈردى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە، گۇاڭخۇي گۇرۇھى پارتكومى پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق باشقۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورناتتى، ‹‹پارتكومنىڭ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ۋە شىركەت ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىدا كارخانىدىكى رولى، مەسئۇلىيەت دائىرىسى ۋە كېڭىشىش تۈزۈمى››نى تۈزۈپ چىقتى ھەم ‹‹گۇاڭخۇي گۇرۇھى پارتكومىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىنى رەسمىيلەشتۈرۈش خىزمىتى تەپسىلىي پرىنسىپى››نى تۈزۈپ تارقىتىپ، 811پارتىيىگە كىرىشىنى ئىلتىماس قىلغان ئاكتىپىنى تەربىيىلىدى، 446پارتىيە ئەزاسىنى كۆپەيتتى. ئۇ يەنە ئۆزى بىۋاسىتە ‹‹گۇاڭخۇي كارخانا گۇرۇھى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش خىزمىتى››، ‹‹پارتىيە قۇرۇلۇشى ھۆججەتلەر توپلىمى››نى تۈزۈپ چىقتى.
2005-يىلى، گۇاڭخۇي گۇرۇھى ‹‹سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز، ئاپتوموبىل مۇلازىمىتى، ئۆي زېمىندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كەسىپنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش›› ئىستراتېگىيىلىك تەرەققىيات نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىدىيىۋى سىياسى خىزمەتنى ئىشلەپچىقىرىشقا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، فاڭ مىن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى كارخانىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئېنىق باسقۇچلۇق خىزمەت ۋەزىپىسى، نىشانى تۈزۈشكە يېتەكلەپ، كارخانىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مۇسابىقىلىشىش، ئۆگىنىش، يېتىشىۋېلىش، ياردەم بېرىش، ئېشىپ كېتىشتەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋەزىپىسىنىڭ تاماملىنىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭخۇي گۇرۇھى تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، دۆلەتكە بارغانچە زور تۆھپە قوشتى، 2006-يىلى 430مىليون يۈەن باج تاپشۇرۇپ، ئۇدا بەش يىل ئۈرۈمچى شەھىرى تەرىپىدىن ‹‹باج تاپشۇرۇشتىكى تۆھپىكار كارخانا››، دېگەن نامغا ئېرىشتى.
گۇاڭخۇي گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى سۈن گۈاڭشىن باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ‹‹گۇاڭخۇي كارخانىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەتتىكى كاپالەتلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇردى››.
پۇقراۋىي كارخانا پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان فاڭ مىن ھەم كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى، ھەم كارخانا مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى ۋە پىلانلىغۇچى بولۇپ، ئۇ گۇاڭخۇي گۇرۇھى رەھبەرلىك كوللېكتىپى بىلەن بىرلىكتە ‹‹گازارمىدىكى ياخشى ئىستىل، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ياخشى ئەنئەنە، پۇقراۋىي كارخانىلاردىكى ياخشى مېخانىزم›› بىرلەشكەن گۇاڭخۇي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇنى كارخانىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىغا ئايلاندۇردى.
فاڭ مىن ھەر ۋاقىت ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، يەكۈنلەشكە ماھىر، خىزمەتلەرنى ئىجادىي ئىشلەيتتى. 2003-يىلى گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگىرىشىدىكى ھالقىلىق بىر يىل بولۇپ، ئۇ كارخانىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كارخانىدا ‹‹تىجارەتتە سەمىمىي بولۇش، سەمىمىيلىك بويىچە داڭلىق ماركا بەرپا قىلىش، سەمىمىي ئوبراز تىكلەش، سەمىمىي گۇاڭخۇي كىشىلىرىدىن بولۇش›› مەزمۇنىدىكى ‹‹تۆت سەمىمىي›› تەربىيىسى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ 2004-يىلى، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۇ ‹‹مەن گۇاڭخۇي خىزمەتچىسى›› تېمىسىدىكى تەشۋىق تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئارىسىدا كارخانىنى بىلىش، كارخانا بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش، كارخانىنى قوللاپ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەش، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىشتەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈردى.
2002 – يىلى، فاڭ مىن ئومۇمىي مۆلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 6 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8 – قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى؛ 2004-يىلى 3 – ئايدا، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 1 – نۆۋەتلىك ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولدى؛ شۇ يىلى مەملىكەتلىك ‹‹8 – مارت›› قىزىلبايراقدارى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹8 – مارت›› قىزىلبايراقدارلار ئۈلگىسى، دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى؛ 2006-يىلى، ج ك پ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 9 – قۇرۇلتىيى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. يېقىندا ئۇ يەنە پارتىيە 17-قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.
|