|
—باغراش ناھىيىسى ئۇلان جېكسىن يېزىسى ئۇتۇئارىل كەنتىدىكى دېھقان ئا.پۇرجالا توغرىسىدا

باغراش كۆلى ۋادىسىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ئاممىنى باشلاپ بېيىغان بىر تۈركۈم دېھقان – چارۋىچى پارتىيە ئەزاسى بارلىققا كەلدى، ئا.پۇرجالا ئاشۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى.
بۇ يىل 57ياشقا كىرگەن ئا.پۇرجالا باغراش ناھىيىسى ئۇلان جېكسىن يېزىسى ئۇتۇئارىل كەنتىدىكى دېھقان، شۇنداقلا مەملىكەتلىك ‹‹ئەمگەك نەمۇنىچىسى››. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇ پارتىيىنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىگە تايىنىپ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇردى.
1989–يىلى، ئالدى بىلەن بېيىش يولىغا ماڭغان ئا.پۇرجالا پارتىيە تەشكىلىگە پارتىيىگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.
باقمىچىلىق تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان ئا.پۇرجالا باقمىچىلىققا ئائىت نۇرغۇن كىتاب سېتىۋېلىپ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىزدەندى.
ئۇ مال دوختۇرلۇق پونكىتىدىن خادىم تەكلىپ قىلىپ 80نەچچە تۇياق ساغلىقىنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش، ھامىلە يۆتكەش ۋە باش ئەتىيازدا تۆل ئېلىش قاتارلىق تەجرىبىلەرنى ئېلىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن قوش تۆل ئېلىش نىسبىتى %60 تىن، تىرىك تۆل ئېلىش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى، يەنى ئۈچ تۆل نىسبىتى (قوش تۆل ئېلىش نىسبىتى، تىرىك تۆل ئېلىش نىسبىتى، قوزىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى)ناھىيە بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، ئۇ باغراش ناھىيىسىدىكى داڭلىق بېيىش ماھىرى بولۇپ قالدى. ھازىر ئۇنىڭ 1200تۇياق قويى، 60تۇياق كالىسى، 20ئېتى، 80مۇ يېرى بار، ئائىلىسىدىكى توققۇز جاننىڭ يىللىق كىرىمى 100مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
ئا.پۇرجالا بېيىغاندا قىيىنچىلىقى بار يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ كۆپچىلىككە سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش، ھامىلە يۆتكەش، باش ئەتىيازدا تۆل ئېلىش ۋە يەم خەشەك سىلوسلاش، ئۇزۇن ئوتنى قىسقارتىپ بېرىش قاتارلىق باقمىچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتتى. يۇرتداشلىرى ئېھتىياجلىق بولسىلا ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ ياردىمىدە يېزىدىكى 70نەچچە باقمىچىلىق ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 20مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
كىمنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولسا ئا.پۇرجالا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەرگەچكە، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە مەدھىيىسىگە ئېرىشتى.

2003–يىل 3 – ئاينىڭ 28–كۈنى ئىدى، قارا شەھەر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا ئولتۇرىدىغان 30نەچچە ئائىلىلىك دېھقان – چارۋىچىنىڭ 600مودىن ئارتۇق يېرىنى سۇغىرىشتا بېشى قېتىپ قالدى، چۈنكى يېقىنقى يىللاردا ماي باھاسى ئۆرلەپ كەتكەچكە، دېھقان– چارۋىچىلار بۇرۇنقىدەك دېزىل بىلەن توك چىقىرىپ سۇ تارتالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى، ئا.پۇرجالا دەرھال يېنىدىن 2000يۈەن چىقىرىپ ئۇلارغا ئېلېكتر سىمى تارتىپ بەرگەندىن سىرت، 8000يۈەن چىقىرىپ ترانسفورماتور ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى.
كەنتتىكى ئەرىنسە: ھازىر توك بىلەن سۇ تارتساق سائىتىگە 13يۈەنلا تۆلەيمىز، يىلدا نەچچە مىڭ يۈەن ئىقتىساد بولۇپ قالىدۇ، ئا.پۇرجالانىڭ قىلغان بۇ ياخشى ئىشى كۆپچىلىكنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى، دېدى.
بۇنداق مىساللار خېلى كۆپ. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئەرىنسە ئائىلىسىنىڭ يېرىنى كەلكۈن ئېلىپ كەتتى، ئۇدا ئۈچ يىل مۇشۇنداق تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغاچقا، ئۇ ئىلاجىسىز باشقا ناھىيىگە بېرىپ يەر ھۆددىگە ئالدى، ئائىلىسىدىكى تۆت جان تۇرمۇشتا بەكلا قىيلاندى، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئا.پۇرجالا 15تۇياق ساغلىقىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ھەيدەپ ئاپىرىپ، ئۇنىڭغا قويلارنى ياخشى بېقىپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشنى ئېيتتى، ئەرىنسە ئائىلىسىدىكىلەر ئۈمىد نۇرىنى كۆرگەندەك بولدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قويلىرى كۆپىيىپ 60تۇياققا يەتتى.
ئېرى بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەن سېرجا مىدىكنىڭ بالىلىرى تېخى كىچىك بولۇپ، تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. 2005–يىلى ئا. پۇرجالا 2000يۈەن چىقىرىپ ئۇنىڭغا بىر قوتان سېلىپ بەردى. يىل ئاخىرىدا كەنت ئا.پۇرجاغا بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغاندا ئۇ: ‹‹قايتۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ، مەن پارتىيە ئەزاسى، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم››، دېدى. بۇ كەنتتىكى سېدە قاراشەھەر ناھىيىلىك كۆن– خۇرۇم زاۋۇتىدا ئىشلەيتتى، زاۋۇتنىڭ كىرىمى ياخشى بولمىغانلىقتىن ئۇ ئىشسىز قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىسىنىڭمۇ يېرى بولمىغاچقا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزىنىڭ ئوقۇش پۇلىنىمۇ تۆلىيەلمىدى. ئا.پۇرجالا بۇنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال ئۇنىڭ ئائىلىسىگە 50ئۆچكە ئاپىرىپ بەردى. سېدەنىڭ كۆڭۈل قويۇپ بېقىشى ئارقىسىدا بۇ ئۆچكىلەر ھازىر كۆپىيىپ 150تۇياققا يەتتى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان سېدە ئائىلىسىدىكىلەر ئا.پۇرجالادىن ئىنتايىن مىننەتدار، ئەمما ئا. پۇرجالا ‹‹مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم بالىنىڭ ئوقۇشنى پۈتكۈزۈۋېلىشى ئۈچۈن››، دېدى.

ئا.پۇرجالا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ياردەم بېرىپلا قالماي، كوللېكتىپقىمۇ ناھايىتى سېخىلىق قىلدى. ئۇ كەنت مەكتىپىنىڭ ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاددىيلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا 2300يۈەنلىك 29دىيۇمچىلىق رەڭلىك تېلېۋىزور ۋە 400يۈەنلىك سىنقويغۇ ئېلىپ بەردى.
ئا.پۇرجالانىڭ ئايالى تۆلۈمچى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىيىنچىلىقى بارلارغا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 70قوي، 20ئات ياردەم قىلدۇق، بەرگەن پۇللىرىمىزنىڭ سانى ئېسىمدە يوق، بەلكىم نەچچە تۈمەن بەرگەندىمىز. دەسلەپتە ئېرىمنىڭ بۇنداق قىلىشىنى چۈشەنمىگەنىدىم، قويلىرىمىزنى باشقىلارغا بېرىۋەتسەك، قانداق باي بولالايمىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىمىزدە ئادەم كۆپ تۇرسا، دەپ ئويلايتتىم، ئا.پۇرجالا بولسا ‹‹ پارتىيە ئەزاسى ئۆزىنىڭلا غېمىنى يېسە بولمايدۇ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە بېيىشى كېرەك››، دېدى. كاللامدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنى قوللايدىغان بولدۇم، ھازىر ئائىلىمىز ياردەم بەرگەن قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولىمەن، دېدى.
|