باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>كوممۇنىسىتلارغا مەدھىيە>>مەخسۇس خەۋەرلەر
چىن دىلى بىلەن خەلقنى ئويلايدىغان شۇجى
2007- 10- 12 12:19 شىنجاڭ گېزىتى

—مارالبېشى ناھىيىسى چوڭقۇرچاق يېزىسى تۈگمەنبېشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى داۋۇت ھاشىم توغرىسىدا

   ئالتۇن كۈزدە ھەممە مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمىدۇ.  ئىلگىرى قاتتىق يەر تەۋرىگەن مارالبېشى ناھىيىسى چوڭقۇرچاق يېزىسى تۈگمەنبېشى كەنتىنىڭ قىياپىتى ھازىر پۈتۈنلەي يېڭىلانغانىدى.

   يۇرتداشلار ماڭا مۇنداق دېدى: كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ‹‹داۋۇت›› ماركىلىق كۈزلۈك تاۋۇزدىن يەنە مول ھوسۇل ئالدۇق، گەپ يوق ئوبدان باھادا ساتالايمىز.

   ‹‹داۋۇت ھاشىم›› دېگەن بۇ ئىسىم تۈگمەنبېشى كەنتىدىكى ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنىدى.

   داۋۇت ھاشىم چوڭقۇرچاق يېزىسى تۈگمەنبېشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى. ئۇ دائىم: ‹‹يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا باشلامچىلىق قىلمىسام، پۈتكۈل مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشىغا، تەشكىلنىڭ ئىشىنىشىگە، شۇنداقلا قازا قىلغان ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيمەن؟!›› دەيتتى.

   داۋۇت ھاشىم بەنزىنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن ئەترەتكە ياخشى باشلامچىلىق قىلىپ، كەنتنى ياخشى باشقۇرۇپ، خەلققە بەخت ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى. ئۇ ياچېيكىدىكى بىر گۇرۇپپا ئادەمگە رەھبەرلىك قىلىپ، پارتىيە ياچېيكىسىدا تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىسى بىلەن ‹‹ھەربىر ئىشنى بىرقېتىم كېڭىشىش›› تۈزۈمىنى يولغا قويدى، يەنە كەنت كادىرلىرى ‹‹ئاممىنى يوقلاش تۈزۈمى›› ئورناتتى. پارتىيە ياچېيكىسى كەنت كادىرلىرىغا ئېنىق ئىش تەقسىم قىلىپ ۋە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ھەربىر كىشىگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى.

   تۈگمەنبېشى كەنتىدە نوپۇس كۆپ، يەر ئاز، يەرنىڭ سۈپىتى ناچار بولۇپ، ئىلگىرى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر ئۈچ موغا يەتمەيتتى، بۇغداي ۋە كېۋەز تېرىش ئاساس قىلىناتتى. داۋۇت ھاشىم يېقىن ئەتراپتىكى نەچچە يېزا ۋە كەنتنى ئارىلىدى، ناھىيە  شەھەرلەرگە بېرىپ پروفېسسور ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلدى، ئۇ كۆڭلىدە پىلان تۈزۈپ بولغانىدى. ئۇيغۇر دېھقانلىرىدا چارۋا بېقىش ئەنئەنىسى بار، تۈگمەنبېشى كەنتىنىڭ يېرى زىرائەت تېرىشقا باپ كەلمىسىمۇ، ئوت – چۆپ ئۆستۈرۈشكە، ئوتلاق بەرپا قىلىشقا باپ كېلەتتى. چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، ئوت – چۆپ تېرىش ئارقىلىق يەم  خەشەك مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى ھەم يەرنى پىشۇرغىلى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ‹‹بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى›› بولاتتى. داۋۇت ھاشىم بىلەن پارتىيە ياچېيكىسىدىكى بىر گۇرۇپپا ئادەم باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، كالا باقمىچىلىقىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى.

   فېرما قۇرۇشقا كېتىدىغان پۇلنى قانداق غەملەش كېرەك؟ داۋۇت ھاشىم يىغقان پۇللىرىنى باشلامچىلىق بىلەن چىقىرىپ ماتېرىيال سېتىۋالدى، تەرەپ  تەرەپكە چېپىپ مەبلەغ ھەل قىلدى. قوتان سېلىپ، نەسىللىك كالا سېتىۋېلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشكەن فېرما قۇردى.

   ھازىر، تۈگمەنبېشى كەنتى چوڭقۇرچاق يېزىسىدىكى كالا باقمىچىلىق مەخسۇس كەنتى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن سىرت، يېڭىدىن سېلىنغان 100كۆكتات پارنىكىمۇ ئۈنۈم بېرىپ، شوخلا، تەرخەمەك قاتارلىق كۆكتاتلار ئوخشىمىغان پەسىللەردە بازارغا سېلىندى. 2006–يىلى كەنت بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىم 2002 – يىلىدىكى 1120يۈەندىن كۆپىيىپ 3000يۈەنگە يەتتى. قوتاندىكى چارۋا 2002 – يىلىدىكى 1806تۇياقتىن كۆپىيىپ 2908 تۇياققا يەتتى. باغ كۆلىمى 2002 – يىلىدىكى 400مودىن كۆپىيىپ 1400موغا يەتتى، كوللېكتىپ ئىگىلىك كىرىمى 21مىڭ يۈەندىن كۆپىيىپ 350 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

   ھازىر تۈگمەنبېشى كەنتىدە توپا يوللار ئاسفالىتلاشتى، ئېلېكتر تورىنىڭ قاپلاش نىسبىتى%40تىن%100 كە كۆپەيدى. تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىدىغان ئائىلىلەرنىڭ نىسبىتى%6تىن%100كە كۆپەيدى. ھەممە ئائىلىدە تېلېۋىزور بار بولدى،%80 دېھقان ئۆيىگە تېلېفون ئورناتتى، بەزى دېھقانلار يەنە تېخى يان تېلېفون سېتىۋالدى. كەنتتە يېڭىدىن پائالىيەت ئۆيى، ئېلېكترلەشكەن دەرسخانا، مەدەنىيەت ئۆيى، ساقلىقنى ساقلاش ئۆيى قاتارلىقلار سېلىنىپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى.

   داۋۇت ھاشىم تىلغا ئېلىنسا، بۇ كەنتتىكى ئەخمەت قاۋۇل ئۇچرىغان كىشىگە: ‹‹بىزنىڭ شۇجى بەك ياخشى! ئۇ ھەقىقەتەن ئىسمى – جىسمىغا لايىق كومپارتىيە ئەزاسى››، دەيدۇ.

   كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، داۋۇت ھاشىم كەنت كادىرلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى باشلامچى بولۇپ ھەر بىرى قىيىنچىلىقى بار ئىككى ئائىلىگە ياردەم بېرىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئەخمەت قاۋۇلغا نەسىللىك كالا سېتىۋېلىپ كالا باقمىچلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن ئۆزى باش بولۇپ 5500يۈەن ياردەم قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئەخمەتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كالا بېقىشقا تايىنىپ بېيىدى، يېڭى ئۆي سېلىپ، ھەرخىل ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى سېتىۋالدى. ئەخمەت ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالسىلا ھاياجانلىنىپ: ‹‹ياچېيكا شۇجىيىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىمىزغا ياردەم بەردى››، دەيدۇ.

   بۈگۈنكى كۈندە، تۈگمەنبېشى كەنتىدە يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ ئورنىغا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر رەت – رەت قىلىپ سېلىندى. ‹‹24–فېۋرال››دىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن تۈگمەنبېشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياردەمگە ئېرىشتى. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يۇرت – ماكاننى قايتا قۇرۇش كۈرىشىدە، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ بىر نىيەت  بىر مەقسەتتە قېيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش جەريانىدا ئورناتقان چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى داۋۇت ھاشىم ۋە كەنتتىكى پارتىيىلىك كادىر– ئاممىنى ھەر ۋاقىت تەسىرلەندۈرىدۇ. داۋۇت ھاشىم دائىم يۇرتداشلىرىغا: ‹‹ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ئاسان قولغا كەلمىگەن خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلىشىمىز كېرەك››، دەيدۇ.
 
   داۋۇت ھاشىم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەرەققىي قىلغان رايونلارغا ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە بېرىپ تۇردى. تاشقى دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىسىنى سىرتقا چىقىپ تېخنىكا ئۆگىنىش، سودا قىلىش، ئىشلەش ئارقىلىق نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈردى. ھازىر بۇ كەنتتىكى 90كىشى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشلەۋاتىدۇ. 

   پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن شەرەپ ئالدىدا داۋۇت ھاشىمنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. زۇڭلى ۋېن جياباۋ بىلەن 4 – قېتىم كۆرۈشۈپ زۇڭلىغا كەنتنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش ھەم يۇرتداشلارنىڭ ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىدىن ئەنسىرىمەسلىكىنى ئېيتىپ قويۇش ئۇنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى. ئۇنىڭ كۈرەش  نىشانى—كەنت ئىقتىسادىنى يەنە ئىككى قاتلاپ، تۈگمەنبېشى كەنتىنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىقتىسادىي كۈچلۈك كەنتكە ئايلاندۇرۇش.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ