باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>كوممۇنىسىتلارغا مەدھىيە>>مەخسۇس خەۋەرلەر
ئۇ ھازىرمۇ ئۇلۇغچاتتا
2007- 10- 11 10:36 شىنجاڭ گېزىتى

—قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۇلۇغچات ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋۇ دېڭيۈن توغرىسىدا

    6 – ئاينىڭ 18–كۈنى ۋۇ دېڭيۈن يەنە ئۇلۇغچاتقا قايتىپ كەلدى.

    بۇ كىچىك ناھىيىدە ھەممەيلەن ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللىشاتتى. ‹‹ۋۇ دېڭيۈن قايتىپ كەپسىز – دە››،  دېدى كوچىدا ئۇچراشقان ئىلگىرىكى كەسىپدىشى، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ماۋ جېڭچۈەن.

    —يەنە تونۇش – بىلىشلەرنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ كەلگەنسىز؟

   ۋۇ دېڭيۈەن كۈلۈپ قويدى.

    —ئاپتوموبىل كېرەك بولسا بىزگە دەڭ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەل قىلىپ بېرىمىز، ماۋ جېڭچۈەن ھەر قېتىم ۋۇ دېڭيۈنگە شۇنداق دەيتتى.

    —تەييار ئاپتوموبىل تۇرسا يەنە ماي پۇلىنى ئىسراپ قىلىپ نېمە كەپتۇ.

    بۇ يىل 67ياشقا كىرگەن ۋۇ دېڭيۈن ئەنە شۇنداق تېجەشلىك كىشى ئىدى.

   2001–يىلىدىن باشلاپ، ۋۇ دېڭيۈن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەلدى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاتۇش شەھىرىگە كۆچۈپ كەلدى، ئۇ ئەمدى ئۇلۇغچات ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولمىسىمۇ، ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە يەنىلا يەنە بىر ئۆيى—30-40كۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئىجارىگە ئالغان ئۆيى بولۇپ، ئۇ ھەر ئايدا ئون كۈن بۇ ئۆيدە تۇراتتى.

   ۋۇ دېڭيۈن خۇددى 40نەچچە يىل ئىلگىرى ياڭجۇ تېببىي تېخنىكومىنى يېڭىلا پۈتكۈزۈپ، ئۇلۇغچات ناھىيىسىگە كەلگەندە، يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرىنى ئېسىدىن چىقىرالمىغاندەك، ئۇلۇغچات ناھىيىسىنى ئۇنتۇيالمايدۇ.

   ئۇ كونا موتسىكلىتنى مىنىپ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلەتتى. ئۇ ھەر قېتىم ئۇلۇغچات ناھىيىسىگە كەلگەندە، دوختۇرخانىغا باراتتى.‹‹ئوپېراتسىيىگە ياردەملىشىپ بېرەلىشىم مۇمكىن››، دەپ ئويلاتتى.

   بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تونۇش ئىدى، ھەر بىر تال گۈل – گىياھ، ھەر بىر تۈپ دەل – دەرەخ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك يېقىملىق بىلىنەتتى. 1963–يىلىدىن 2001–يىلىغىچە بولغان 38يىلدا، ئۇنىڭ يېرىم ئۆمرىدىن ئارتۇق ۋاقتى بۇ يەردە ئۆتكەن.

   ئەينى يىللىرى ۋۇ دېڭيۈن قۇرامىغا يەتكەن چاغلار بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى ئۈچ – تۆت ئاي ۋاقىت ئاجرىتىپ، قىشلاقلارغا بېرىپ، خەلقنى سەييارە داۋالايتتى، چارۋىلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللەرنى تەكشۈرەتتى. شۇ چاغدا بۇ ‹‹ئات ئۈستىدىكى دوختۇر›› دورا ساندۇقىنى يۈدۈپ، تاغمۇ – تاغ ئايلىنىپ، بوران – چاپقۇن، قار – شىۋىرغانلارغا ئۇچىرىغاندىمۇ زادىلا چېكىنمەيتتى. ئۇ بۇ ناھىيىدىكى توققۇز يېزا، 30نەچچە تەبىئىي كەنتنى تولۇق ئايلىنىپ چىققان. بۇ مەزگىلدە ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ 30نەچچە قېتىم، جەمئىي 7000مىللىلىتىردىن ئارتۇق قان تەقدىم قىلدى، بۇ قۇرامىغا يەتكەن بىر كىشىنىڭ ئومۇمىي قان مىقدارىغا تەڭ. كۆيۈپ يارىلانغان بوۋاقنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ پۇتىدىن 13پارچە تېرە ئېلىپ بوۋاققا كۆچۈردى.

   دوختۇرخانىنىڭ ھازىرقى باشلىقى لۇ يۇڭ ۋۇ دېڭيۈننى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. يېقىنقى يىللاردا ۋۇ دېڭيۈن دوختۇرخانا ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلغانىدى: 2002 – يىلى ئۇ دوختۇرخانا ئۈچۈن يۇقىرى ئىئانە قىلغان رەڭلىك B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن بىرنى، شاڭخەي ‹‹شىنخۇا›› دوختۇرخانىسى ئىئانە قىلغان CT ئاپپاراتىدىن بىرنى، CT ئۆيىنى بېزەش خىراجىتى ئۈچۈن 150مىڭ يۈەن ھەل قىلدى؛ 2003–يىلى مەھەللە ئامبۇلاتورىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، 200مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خىراجەت ھەل قىلدى. ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ بىناسى قۇرۇلۇشى مەبلىغى ئۈچۈن 400مىڭ يۈەن ھەل قىلدى؛ 2004–يىلى ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ ئۈسكۈنە سېتىۋېلىشى ئۈچۈن 150مىڭ يۈەن خىراجەت ھەل قىلدى؛ 2005–يىلى 2 مىليون يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، ئۇنىۋېرسال كېسەلخانا بىناسى سېلىشقا ئىشلەتتى؛ 2006–يىلى يېڭىدىن ئامبۇلاتورىيە بىناسى سېلىشقا 1 مىليون يۈەن مەبلەغ ھەل قىلدى ھەم ئۈسكۈنە سېتىۋېلىشقا 100مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلدى. ئۇ يەنە ئاپتونوم رايون ئىچى – سىرتىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلار بىلەن كېلىشىپ، ھەر يىلى سەككىز تېببىي خادىمنى شاڭخەي، داليەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتتى.

   ۋۇ دېڭيۈن كېسەلخانىدا 70ياشلىق قۇربان تاغىغا ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى مايقاق يەم – خەشەك بازىسى ۋە كەپتېش سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ تۈر مەبلىغىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

   بۇ يەردىكى 43مىڭ ھەر مىللەت خەلقى ھەر كۈنى ۋەتەننىڭ ئەڭ غەربىدىكى بۇ ئېگىزلىكتە قۇياشنى ئۇزۇتۇپ قوياتتى. بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز جايى 6000مېتىردىن ئاشاتتى، سوغۇق تاغلىق رايوندا شامال كۆپ چىقاتتى، ئوكسېگىن يېتىشمەيتتى، ئۇلترا بىنەپشەنۇر كۈچلۈك بولۇپ، تەبىئىي مۇھىتى ئىنتايىن ناچار ئىدى. 2006–يىلى بۇ جايدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 1300يۈەن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇ زېمىندا ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى يارىتاتتى. مانا بۇ ئىشلار ۋۇ دېڭيۈننى چوڭقۇر ئويغا سالاتتى.

   چۈشتىن كېيىن ۋۇ دېڭيۈن ئۇلۇغچات ناھىيە بازىرىنىىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 48كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مايقاققا كەلدى. بۇ يەردىكى داغدۇغىلىق مەنزىرە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. 500دىن ئارتۇق ئورگان كادىرى بۇ قاقاسلىقتا بېدە ۋە قىچا تېرىۋاتاتتى. ئۇلار قۇم – بوران ۋە ئىسسىققا قارىماي، 20مىڭ مو كۆلەمدىكى يەم – خەشەك بازىسى بەرپا قىلىش نىيىتىگە كەلگەنىدى.

   بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى فەن باۋجۈن ۋۇ دېڭيۈننىڭ ئالدىغا كېلىپ ئوڭايسىزلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ياشىنىپ قالغان بولسىڭىزمۇ يەنىلا ناھىيىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن كۆپ ئاۋارە بولۇۋاتىسىز.

   يېقىنقى يىللاردا سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبىرى بولغان ۋۇ دېڭيۈن ئەركەشتام پورتىنى تۆۋەنگە كۆچۈرۈش، ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە سۇ ئامبىرى قۇرۇش قاتارلىق ئۇلۇغچاتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون ۋە ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. قىسمەن تۈرلەردە رەسمىي تۈر تۇرغۇزۇلدى ھەم يولغا قويۇشقا تەييارلىق قىلىندى.

   ۋۇ دېڭيۈن مەملىكەت بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەت بويىچە ‹‹ئىككىنى ھىمايە قىلىش››تىكى ئىلغار شەخس، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، پارتىيە 16–، 1–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى. ئۇ ئۆز نەتىجىلىرىدىن قانائەتلىنىپ قالمىدى. ئۇنىڭ قەلبىگە بۇ يەردىكى كىشىلەر پۈكۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى بۇ يەردە داۋاملىشىۋاتاتتى. ‹‹ۋۇ دېڭيۈن روھى ئۇلۇغچات روھى ئەمەسمۇ››، دەيتتى فەن باۋجۈن چوڭقۇر ئويلانغان ھالدا.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ