باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>كوممۇنىسىتلارغا مەدھىيە>>مەخسۇس خەۋەرلەر
‹‹ ئاممىنىڭ يۆلەنچۈكى››     
2007- 10- 10 12:31 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     

 2007 –يىلى 9 – ئۆكتەبىر ، داۋۇت ھاشىم پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يولغا چىقتى 

      مۇخبىرنىڭ پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مارالبېشى ناھىيە چوڭقۇرچاق يېزا تۈگمەنبېشى كەنتى پارتىيە ياچىيكىسى شۇجىسى داۋۇت ھاشىمنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ‹‹ ئاممىنىڭ يۆلەنچۈكى›› دېگەن ماۋزۇدىكى تەپسىلىي خەۋىرى

      مارالبېشى ناھىيە چوڭقۇرچاق يېزا تۈگمەنبېشى كەنتىدىكى ئامما كەنت پارتىيە ياچىيكىسى شۇجىسى داۋۇت ھاشىمنى ‹‹ يۆلەنچۈكىمىز ›› دەپ تەرىپلىشىدۇ، ئۇ كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەرداشلىق بېرىپ كەنت ئاممىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، خارابىلىقتا ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭى يۇرتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.

      2003 - يىلى، داۋۇت ھاشىم تۇرۇشلۇق تۈگمەنبېشى كەنتىدە 6.8 بال يەر تەۋرەپ، ئۆيلەر ۋەيران بولۇپ كەتتى، پۈتۈن كەنتتىكى بىر مىڭ 400 دىن كۆپرەك ئادەم ۋاقىتلىق ياسالغان لاپاس ۋە چېدىردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، يەنە كېلىپ بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە داۋۇت ھاشىم 5 قېرىندىشىدىن ئايرىلدى. ئۇرۇق تۇققانلىرىنى جىمجىت يەرلىكىدە قويۇپ بولغاندىن كېيىن، داۋۇت ھاشىم تېزلا كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىغا باشچىلىق قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىنى قايتىدىن قۇرۇشىغا ياردەم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەممە ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتتى، مەن ئاخىرقى بىر نەپىسىم قالغىچە، كەنتتىكىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمەن.

      2003 - يىلى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، گوۋۇيۇەننىڭ زۇڭلىسى ۋىن جياباۋ تۈگمەنبېشى كەنتىگە كېلىپ ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ داۋۇت ھاشىمنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹ سىزنىڭ ئىش- ئىزلىرىڭىزنى ئاڭلىدىم. گەرچە ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىزدىن ئايرىلغان بولسىڭىزمۇ، لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، بېيجىڭدا، سىزنىڭ بىر زۇڭلى تۇققىنىڭىز بار ››. پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، تۈگمەنبېشى كەنتى تېزلا يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلدى. لېكىن داۋۇت ھاشىمنىڭ كۆڭلى ئارام تاپمىدى، ئۇ ھەر ۋاقىت قانداق قىلىپ يۇرتداشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۈشكۈل ۋاقىتلاردا، كەنت ئاھالىلىرى كەنت پارتىيە ياچىيكا شۇجىسىنىڭ يۆلەنچۈك بولۇپ، ئۆزلىرىنى قېيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا، كەنت ئاھالىلىرى پارتىيە ياچىيكا شۇجىسىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزلىرىنى بېيىشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

      داۋۇت ھاشىم كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت كادىرلىرىغا ۋەزىپە بۆلۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نۇقتا بېكىتىپ زىيارەت قىلدى. تۈگمەنبېشى كەنتى كومىتېتى يەنە باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈشنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى. داۋۇت ھاشىم يىققان پۇللىرىنىڭ ھەممىنى چىقاردى، باشقا پارتىيە ئەزالىرىمۇ بۇنىڭغا ماسلاشتى، خەلق ئاممىسىمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىمىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تۈگمەنبېشى كەنتى پۈتۈن يېزا بويىچە مەخسۇس كالا بېقىش كەنتى بولۇپ قالدى، 100يېقىن كۆكتات پارنىكىنىڭمۇ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 2006 - يىلى، كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3 مىڭ 300 يۇەندىن ئاشتى.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ