|
—چۆچەك شەھىرى ئاشىل يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ياڭ يۇۋېن توغرىسىدا

چۆچەك شەھىرىدە ياڭ يۇۋېننى نۇرغۇن ئادەم بىلىدۇ، بولۇپمۇ دېھقانلار، چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ماختايدۇ. ئۇ يىغىن ئاچقاندا نۇتۇق تېزىسى تۈزمەيدۇ، خىزمەت دوكلات قىلغاندا ماتېرىيال تەييارلىمايدۇ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئېنىق، چۈشىنىشلىك دەپ بېرەلەيدۇ. يېزىدا قانچىلىك پۇل بار؟ كوللېكتىپ ئىقتىسادى قانداق راۋاجلىنىۋاتىدۇ؟ كەنت ئاھالىسى نېمە تېرىسا كۆپ پۇل تاپىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ بىرمۇ بىر، ئاممىنى قايىل قىلغۇدەك سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. كەنت كادىرلىرى ئۇنى ‹‹ياڭ غوجىدار›› دەپ ئاتايدۇ. قىسقىغىنا تۆت يىلدا، ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ چۆچەك شەھىرىدىكى ئىككى يېزا چارۋىچىلىق مەيدانىدا پارتكوم شۇجىسى بولۇپ، ئىككى يېزا چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى.
ياڭ شۇجى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى مائاش ئالالايدىغان قىلدى
2001-يىلى 7 – ئايدا، چۆچەك شەھەرلىك پارتكوم شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىنى قىلىۋاتقان ياڭ يۇۋېننى چاخجى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، مەيدان باشلىقى قىلىپ يۆتكىدى. ئەينى چاغدا، چاخجى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى باشقۇرۇلۇشى قالايمىقان، قەرزى جىق، كادىر – خىزمەتچىلىرى مائاش ئالالمايۋاتقان، ئاممىنىڭ پىكرى كۆپ بولۇۋاتقان، يۇقىرىغا ئەرز قىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغانىدى، ھەتتا شەھەر رەھبەرلىرىنى تۇتۇپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەنىدى..... ياڭ يۇۋېن مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كۈنى، ياڭ يۇۋېن دوكلات ئاڭلاش، كۆرۈشۈش يىغىنى ئېچىش ئادەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆيمۇئۆيگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدىدى. 18كۈندە، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، خىزمەتچىلەر ۋەكىلى، نامرات ئائىلىلەر بىلەن سىرداشتى، نامراتلارنى يوقلاپ ھال سورىدى، مەيداندىكى%90تىن كۆپ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ بولدى، ‹‹خەلق ئەھۋالى››، ‹‹مەيدان ئەھۋالى›› دىن ئالتە دەپتەر خاتىرە قالدۇردى. مەيداننىڭ مەسىلىلىرى شۇنىڭ بىلەن ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى: چارۋىچىلىق مەيدانى پارتكومى، باشقۇرۇش كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەرنىڭ ئىتتىپاقى ياخشى ئەمەس؛ كادىرلارنىڭ ئىستىلى دۇرۇس ئەمەس؛ مالىيە، يەر، يايلاقنىڭ باشقۇرۇلۇشى قالايمىقان؛ توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالدۇرۇلمىغان، ناچار كەيپىيات توسۇلمىغان، ۋەھاكازالار. ‹‹كېسەل›› يىلتىزىنى تاپقاندىن كېيىن، ياڭ يۇۋېن ‹‹كېسەل››گە قارىتا دورا تېپىپ، دادىللىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە كىرىشتى.
ئۇنىڭ نېسىگە قالغان پۇلنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى كۆپچىلىك ھازىرغىچە ئۇنتۇمايدۇ. كىچىككىنە چاخجى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ يىغىۋېلىشقا تىگىشلىك پۇلى بىر نەچچە مىليون يۈەندىن ئاشقانىدى، ئورگان كادىرلىرى نېسىگە قالدۇرغان ھۆكۈمەت پۇلىلا 100مىڭ يۈەنگە يەتكەنىدى، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ تۇغقانلىرىمۇ بار ئىدى. ياڭ يۇۋېن ئىشنى رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلاپ، ‹‹تىرىلمەس ھېساب››، ‹‹ھېسابتا تۇرۇپ قالغان قەرز پۇل››، ‹‹تېنىۋېلىنغان ھېساب›› مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ ئورگان كادىرلىرى بىر ھەپتە ئىچىدە قەرزنى قايتۇرمىسا، يېشى، مىللىتى، ‹‹خان جەمەتى›› بولۇشىغا قارىماي، خىزمەت ئورنىدىن قالدۇرۇلىدۇ، كىم تېنىۋالماقچى بولسا، سوتتا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، دېگەن ئىنتىزامنى چىقاردى. بۇ ئامال ھەقىقەتەن ئۈنۈم بېرىپ، بىر ھەپتىدە 80مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز پۇل يۇقىرىغا تاپشۇرۇلدى. ئۇنىڭ نازارەتچىلىكىدە، بىر يىلغا بارمايلا تۈرلۈك نېسىگە قالغان پۇلدىن 1 مىليون 490مىڭ يۈەن يىغىۋېلىندى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە تارقىتىلمىغان 980مىڭ يۈەن مائاش تولۇقلاپ تارقىتىلدى. ‹‹ئەمەلىيەت››نى چىقىش قىلىپ، تەرەققىيات يولىنى توغرا تېپىش
2003–يىلى 3 – ئايدا، تەشكىل ياڭ يۇۋېنغا يەنە بىر ‹‹قىيىن›› مەسىلىنى تاپشۇردى ،ئۇنى ئاشىل يېزىسىنىڭ پارتكوم شۇجىلىقىغا تەيىنلىدى. ئاشىل يېزىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90–يىللىرىدا چۆچەك شەھىرىنىڭ بايرىقى ئىدى، ئەمما بازار ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ نۇرى سۇسلاشتى.
ئاشىل يېزىسىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئالدى بىلەن يەپ ئىچىش شامىلىنى توستى. ئۇ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ھېچقانداق زىياپەتكە قاتناشمىدى. كەنت، ئەترەتلەرگە بارغاندىمۇ ئۇ يەردە تاماق يېمىدى، كەنتتە قونۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇن ۋە كۆكتاتلارنى ئۆزى ئېلىۋالدى. ئۇنىڭ ھەرىكىتى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسەتتى، نەچچە ئايغا بارمايلا، كەنت ۋە ئەترەتلەرنىڭ كۈتۈم خىراجىتى ‹‹نۆل›› ھالەتتە كونترول قىلىندى.
بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ قىلغان ئۈچ ئىش ھازىرغىچە كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. بىرىنچىسى، كادىرلار ئارىسىدىكى ئىنتىزامسىزلىق ئەھۋالىنى توسىدى. ‹‹كۆڭۈل خىزمەتتە بولمىسا، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆيگە يۈگۈرسە، پۇقرانىڭ ئىشىنى كىم قىلىدۇ؟›› دېدى ئۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىشقا كېچىكىش، بالدۇر قايتىش، شەخسى ئىش قىلىش، ئامما ئىش بېجىرگىلى كەلگەندە ئادەم تاپالماسلىقتەك ئەھۋاللارنى قەتئىي چەكلىدى. ئىككىنچىسى، ئىستىل تۈزىتىشنى يولغا قويدى، ئورگان كادىرلىرى ئارىسىدا ‹‹ئاخىرقىسىنى شاللاش تۈزۈمى›› ۋە ‹‹ئاشكارا رىقابەتلەشتۈرۈپ تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى›› نى ئورنىتىپ، باھالاش نەتىجىسى ناچار چىققان ئىككى كادىرنى بىر تەرەپ قىلدى، شەھەرلىك پارتكومغا بىر بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكلىپىنى بەردى. ئۈچىنچىدىن، كادىرلارنىڭ ‹‹يىللىق سىناش تۈزۈمى››نى يولغا قويدى. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئورگان كادىرلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى ھەم ئۇلارنىڭ يېزا ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئىگىلەش دەرىجىسى توغرىسىدا يىلدا بىر قېتىم ئىمتىھان ئېلىشنى يولغا قويدى، ئىمتىھان نەتىجىسىنى كادىرلارنىڭ يىل ئاخىرىدىكى ئىلغار بولۇپ باھالىنىشىغا بىۋاسىتە باغلىدى. بۇ ئۈچ ئىش ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدا كرىزىس تۇيغۇسى پەيدا قىلدى، ئۇلار ياڭ شۇجىنىڭ ئاغزىدا دەپلا قويماستىن، بەلكى ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدى.
ياڭ شۇجى بىزنىڭ سىردىشىمىز
ياڭ يۇۋېن ۋاقتى ۋە زېھنىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك خىزمەتكە سەرپ قىلدى. باشقىلار ئۇخلىغاندا، ئۇنىڭ ياتىقىدىكى چىراغ يەنىلا يورۇق تۇرىدۇ؛ كادىرلار ئەتىگەندە ئويغانغاندا، ئۇ ئاللىقاچان ھۆكۈمەت ھويلىسىنى بىر ئايلىنىپ بولىدۇ. ياڭ يۇۋېن پار قازىنى ئىسسىۋاتامدۇ،ئاشخانىنىڭ تامىقى ياخشى بولۇۋاتامدۇ، دېگەنگە ئوخشاش ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى سەھەردە ياڭ شۇجىنى ئىزدەپ كەلسە، ئۇنىڭ چوقۇم بارلىقىنى بىلىدۇ. پۇقرالارنى تېخىمۇ رازى قىلغىنى، ياڭ يۇۋېن ‹‹ئوبراز قۇرۇلۇشى››، ‹‹سان – سىفىر قۇرۇلۇشى›› قىلمايدۇ، ئىھاتە ئورمانلىقىغا كۆچەت تىككەندە ياڭ شۇجى باش بولدى، شىمالىي ئايلانما يولىنى چارلىغاندا ياڭ شۇجى قوزۇق قېقىشقا قاتناشتى، 1000تۇياق كالا باقمىچىلىقى رايونىدا ياڭ شۇجى كالىلارنى بىر – بىرلەپ سانىدى......
ئىككى يېزا چارۋىچىلىق مەيدانىدا ئىشلىگەن تۆت يىلدا، ياڭ يۇۋېننىڭ خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، خەلققە پايدا يەتكۈزگەن ئەمەلىي ئىشلىرى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى پۇقرالارنى تەسىرلەندۈردى. چاخجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەممەيلەن كۆردى: مەيدان ئەتراپىدىكى تاشيول ياسالدى، مەيدان يېپيېڭى قىياپەتكە كىردى، چارۋىچىلىق ئەترىتىدىكى چارۋىچىلار تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولدى، ھەممەيلەن سىملىق تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان بولدى. ئاشىل يېزىسىدىكى ئۆزگىرىش تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قاتارلىق خىزمەتلەردە يەنە شەھەر بويىچە ئالدىدا ماڭدى.
|