|

جاڭىل راخات چارۋىچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بالىلىق چاغلىرىدا، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بوۋاق بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرىغا قارىتا ئۇ دوختۇر بولۇشنى ئىرادە قىلغان ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا، جاڭىلنىڭ سېستىرا بولۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. سەھىيە مەكتىپىدە ئوقىمىغان جاڭىل ئۆز بەدىنىدە ئوكۇل ئۇرۇشنى مەشىق قىلدى، ئۇ يەنە ھەر ساھەدىكى ئۇستازلاردىن داۋالاش بىلىملىرىنى ئۈگىنىپ، تېزلا ياردەمچى تۇغۇت دوختۇرى بولۇپ قالدى.
1978 - يىلىدىن 1980 - يىلىغىچە، جاڭىل بۇرۇلتوقاي ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا بىردىنبىر تۇغۇت دوختۇرى بولۇپ ئىشلىدى. ئەينى ۋاقىتتا جاڭىلدا 8 سائەت خىزمەت قىلىش ئۇقۇمى يوق ئىدى، مەيلى كۈندۈز بولسۇن، ياكى كېچىس بولسۇن، ئېغىر ئاياغ ئاياللار كەلسىلا، جاڭىل خىزمەتكە ئاتلىناتتى.
بىر كۈنى كېچىسى، ساغىنبېك ئىسىملىك قازاق ياش ئالدىراش جاڭىلنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ ئايالىنىڭ دوختۇرخانىدا يەڭگىۋاتقانلىقىنى، بىرىنچى بالىسىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، قورساقتا يەنە بىر بالىنىڭ بارلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ساغىنبېك مۇنداق دەيدۇ: جاڭىل دوختۇر ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، دەرھال ئۆيىدىن چىقتى، بىز دوختۇرخانىنىڭ يېنىغا كەلگەندە جاڭىل دوختۇر ماڭا ئۆزىنى تامدىن يۆلەپ ئۆتكۈزۈپ قويۇشۇمنى، ئۆزىنىڭ دەرھال كېسەلخانىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن ئۇنى دەرھال تامدىن ئۆتكۈزۈپ قويدۇم. مەن دوختۇرخانىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ، كېسەلخانىغا بارغان ۋاقتىمدا، جاڭىل دوختۇر 2- بالامنى تۇغدۇرۇپ بوپتۇ.
جاڭىل دوختۇر مەيلى سېستىرا، سېستىرالار باشلىقى ياكى ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولسۇن ۋەياكى ئانا- بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش پونكىتىنىڭ باشلىقى بولغاندا بولسۇن، 10 نەچچە يىل ئىزچىل تۈردە مۇشۇنداق ئىشلەپ كەلدى. تاۋۇز چاغىنىدا جاڭىل دوختۇر بىر قېتىم يېزىلارغا چۈشۈپ تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ سالامەتلىگىنى تەكشۈردى. جاڭىل دوختۇرنىڭ قول ئاستىدىكى خادىملار، ئۇنىڭ يېزىلارغا چۈشۈشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئېيتقاندا، جاڭىل دوختۇر رەھبەر بولغان ئادەم چوقۇم باشلامچى بولۇش كېرەك دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يازدا تاققا چىققاندا، چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ماشىنا بىلەن بارغىلى بولمايدۇ، بىز پىيادە مېڭىپ بارىمىز، ئىتلارمۇ كۆپ، بىز ھەممىمىز بىردىن توقماقنى كۆتۈرۈپ، ئىتلاردىن ئۆزۈمىزنى قوغدايمىز.
جاڭىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 2001 - يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدە تۇغۇتى قىيىن بولۇپ قالغان ئاياللارنىڭ دوختۇرخانىدا يەڭگىش نىسبىتى، شۇنداقلا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى % 100 كە يېتىپ، ئۇدا 4 يىل تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى.
|