|
—پىچان ناھىيىلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى توغرىسىدا

پىچان ناھىيىلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپ 100يىللىق تارىخقا ئىگە مەكتەپ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، مەكتەپ ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك ئورۇن››، ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوش لاياقەتلىك ئائىلە باشلىقلىرى مەكتىپى››، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى›› قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.
ھەممە ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەش ئۈلگىسى بولۇشقا تىرىشىدۇ
مەكتەپنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشتا، پىچان ناھىيىلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ئىشنى ئالدى بىلەن رەھبەرلىك بەنزىسىدىن باشلاپ تۇتتى، ئۇلار رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ باشلامچىلىقىدا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، داۋاملىق ئۆگىنىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەش ئۈلگىلىرىدىن بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
پارتىيە ياچېيكىسى مەكتەپتىكى پارتىيىلىك ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ‹‹پەزىلەتلىك ئوقۇتقۇچى›› ۋە ‹‹كەسىپ ئەخلاقى›› قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى پائالىيىتى››، ‹‹مەكتەپ بويىچە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش پائالىيىتى›› ۋە ‹‹مەكتەپنى خەلق ئەڭ رازى ئورۇن قىلىپ قۇرۇش پائالىيىتى››نى مەكتەپنىڭ ‹‹پەزىلەتلىك ئوقۇتقۇچى›› قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە ۋە ئادەم تەربىيىلەشكە ئىرادە باغلىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، پەزىلەتلىك ئوقۇتقۇچى بايراقدارلىرىنى قېزىپ چىقىپ، بەس بەستە ئىلغارلاردىن بولۇشتەك ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى ئوبرازىنى شەكىللەندۈردى.
پائالىيەت جەريانىدا، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئىش پائالىيەت مەيدانغا كەلدى. 53ياشلىق ئوقۇتقۇچى لى يىڭچۈەن شەنبە – يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش كۈنىدىن ۋاز كېچىپ، ئىش ۋاقتىدىن تاشقىرى خالىس ئەمگەك قىلدى. ئۇ ھېرىپ كەتكىنىدىن دائىم بېلىنى رۇسلىيالمىغىنىدا، خوتۇنى كېسىلىنى كۆرسىتىپ بېقىشنى كۆپ قېتىم ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹يەنە بىر قانچە يىل بەرداشلىق بەرسەم پېنسىيىگە چىقىمەن، شۇ چاغدا بېرىپ كۆرۈنىمەن››. لى چۈن مۇئەللىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پىكرى ئەڭ كۆپ سىنىپنىڭ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ئۇ بارلىق مېھرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇشال– خورام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىلھام بەرمەكتە.
مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پىلانى تۈزۈپ، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنى ياردەمگە موھتاج بولۇۋاتقان بىردىن ئىككىگىچە ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىشكە مەسئۇل قىلدى. بۇ مەكتەپتىكى پارتىيىلىك ئوقۇتقۇچىلار غوللۇق ئوقۇتۇش خادىمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. 2005–يىلى بۇ مەكتەپ تۇيۇق ئوقۇتۇش رايونى ۋە چىقتىم بازىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتىپىگە 2980يۈەن ئىئانە قىلدى؛ بۇ يىل 5 – ئايدا دىغار يېزىلىق ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىگە 1500يۈەن ئىئانە قىلدى. ھەر يىلى چاغان ئالدىدا، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، بايرامنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش›› پارتىيە ئەزالىرى قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار 30نەچچە ئوقۇغۇچى بىلەن ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئائىلە ئىقتىسادىدا قىيىنچىلىقى بار بۇ بالىلارغا پارتىيىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.
ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز قىلىپ، مائارىپ ئىدىيىسىنى كۈچەيتىش
پىچان ناھىيىلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى خەن فېڭۋۇ: ‹‹مەكتىپىمىز 100يىللىق ئوقۇتۇش تارىخىغا ئىگە بولسىمۇ، تەرەققىيات تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئالغا ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىدۇ››، دېدى.

2003–يىلنىڭ بېشىدا جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىنىڭ ئاساس مائارىپىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تۈرى—‹‹ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز قىلىش›› تەك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بۇ مەكتەپتە يولغا قويۇلدى، بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى باھار شامىلىغا ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. مەكتەپ بۇ پۇرسەتنى تۇتۇپ، ‹‹ئوقۇغۇچىلار مەركەز قىلىنغان›› دەرسلىك ئىسلاھاتىنى ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، مەكتەپنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى ۋە ئوقۇتۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ تېز يېڭىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەكتەپ بارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇتۇش سەنئىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. مەكتەپ 30نەچچە مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، 40نەچچە ئوقۇتقۇچىنى يۈننەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئوتتۇرا مەكتىپى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق جايلارغا ئۆگىنىش، ئېكسكۇرسىيە ۋە تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتتى. مەكتەپنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى، جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەكتەپ ئائىلە باشلىقلىرى كومىتېتى قۇرۇپ، ‹‹مەكتەپ مۇدىرى خەت ساندۇقى›› تەسىس قىلدى، 30نەچچە ‹‹مەكتەپ مۇدىرى ياردەمچىسى›› تەكلىپ قىلىپ، سىردىشىش يولىنى كېڭەيتتى. بۇ بىر قاتار ئەمەلىيەت ئارقىلىق، مەكتەپنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى كۈچەيتىلىپ، ئوقۇتۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەكتەپتىكى قويۇق مەدەنىيەت كەيپىياتى
مەن بۇ مەكتەپتە قويۇق مەدەنىيەت كەيپىياتىنى ھېس قىلدىم. مەكتەپ بىناسى كارىدورىدىكى تاملارغا رەتلىك قىلىپ ھېكمەتلىك سۆزلەر يېزىلىپ، بالىلارنىڭ ھەقىقىي بىلىم ئېلىپ، ھەقىقىي ئادەم بولۇشى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇرىلىدىكەن. كۆرگەزمە تاختىلىرىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ھەر ھەپتىدە يېڭى مەزمۇنلار، ھەر قاراردا باش تېمىلار بېيىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، ئالاقە قىلىشىدىكى كۆزنەككە ئايلانغان؛ كىشىلەر بۇ يەرنىڭ ھەر بىر گىياھسىنىڭ ئادەم تەربىيىلەيدىغانلىقىنى، ھەر بىر تېمىنىڭ ‹‹سۆز›› قىلالايدىغانلىقىنى، بىلىم ئالىدىغان ئوبدان جاي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەن.
|