باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>كوممۇنىسىتلارغا مەدھىيە>>مەخسۇس خەۋەرلەر
ئۇ مائاشىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئىشلەتتى
2007- 09- 25 10:46 شىنجاڭ گېزىتى

—ئاقسۇ شەھىرى خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ خۇاشېڭ توغرىسىدا

   ئۇ كوچا باشقارمىسىدا ئىشلىگەن 22 يىلدىن بۇيان،  تەۋەلىكىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا  60مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل، ئون توننىدىن ئارتۇق ئاشلىق، 500قۇردىن ئارتۇق كىيىم  كېچەك ياردەم قىلدى. ئۇ مائاشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆيىگە ئاپىرىپ باقمىغانغا 19يىل بولدى، ئۇ مائاشىنى ئاساسەن  مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلەتتى.

   22 يىلدىن بۇيان، ئۇ قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن 160مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئاجرىتىپ، ئۇلارغا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ بەردى. ئۇ ياشىنىپ قالغانلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ، تەۋەلىكىدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان 89كىشىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالدى.

   ئۇ دەل ئاقسۇ شەھىرى خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ خۇاشېڭ.

ئۇ يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، ياشانغان 15كىشىگە تېلېفون ئورنىتىپ بەردى

   جاڭ خۇاشېڭنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسا، ئىلغار خىزمەتچى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى قاتارلىق شەرەپلەرنى ئېيتماي بولمايدۇ، ۋەھالەنكى يەرلىكتىكى ئامما ئۇنى ‹‹ياخشى كىشى›› دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.

   2006–يىلى 8 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، جاڭ خۇاشېڭنىڭ تېلېفونى جىرىڭلىدى، خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى گۈلباغ مەھەللىسىدىكى نۇرنىسا تاشنىڭ قىزى يىغلاپ تۇرۇپ: ‹‹جاڭ ھەدە، تېز كېلىڭ، ئاپام قان قۇستى، مەن قورقۇپ كەتتىم››، دېدى. جاڭ خۇاشېڭ ناھايىتى تېز يېتىپ كېلىپ، نۇرنىسا تاشنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى ھەم 3000يۈەن زاكالەت بېرىپ، ياتاققا ئالدۇردى.

   9 – ئىيۇل سەھەر سائەت 5 تىن ئاشقاندا، نۇرنىسا تاشنىڭ قىزى يەنە جاڭ خۇاشېڭغا تېلېفون قىلىپ: ‹‹ھەدە، تېز كېلىڭ، ئاپام بولالمايۋاتىدۇ››، دېدى. جاڭ خۇاشېڭ دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەندە، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۇرنىسا تاش ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.

   جاڭ خۇاشېڭ شۇ كۈنى نۇرنىسا تاش ئۈچۈن ئوبدان يەرلىكتىن بىرنى سېتىۋالدى ھەم ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاندىن خاتىرجەم بولۇپ قايتتى.

   نۇرنىسا تاشنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر بولۇپ، سەككىز يىلدىن بېرى، جاڭ خۇاشىڭ ئىزچىل ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا نۇرنىسا تاشنىڭ ئېرى ئالەمدىن ئۆتكەندىمۇ، جاڭ خۇاشېڭنىڭ ياردىمىدە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغانىدى.

   پاشىلىق مەھەللىسىدە پەرزەنتى يوق بىر جۈپ ئەر – خوتۇن بولۇپ، ئېرى مۇھەممەد ئەھمەد بۇ يىل 109ياشتا، خوتۇنى بۇ يىل 70ياشتا ئىدى. 22 يىلدىن بۇيان، جاڭ خۇاشېڭ بۇ ئىككى ياشانغان كىشىنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ يېمەك – ئىچمىكى، كىيىم – كېچىكىنى تولۇقلاپ تۇردى. ئۇ 1986-يىلىلا يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، بوۋاي – موماينىڭ ئىشى چىققاندا ئىزدىشى ئۈچۈن تېلېفون ئورنىتىپ بەردى.

   1985-يىلىدىن بۇيان، جاڭ خۇاشېڭ خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى تەۋەلىكىدىكى ئىگە – چاقىسىز، ياشانغان 16كىشى ۋە  ‹‹ئۈچ پېشقەدەم››لەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، ئۇلارغا 15تېلېفون ئورنىتىپ بەردى ھەم ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى قەغەزگە ئېنىق يېزىپ، ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئىشى چىققاندا ئىزدىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە چاپلاپ قويدى.

ئۇ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئون ئائىلىنىڭ قەرز پۇل ئېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە كېپىل بولدى

   خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى تەۋەلىكىدە قىيىنچىلىقى بار نامرات ئائىلىدىن 1562سى بار بولۇپ، 2900كىشىدىن ئاشىدۇ. جاڭ خۇاشېڭ بىر تەرەپتىن، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، قۇتقۇزۇش شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەشنى قۇدرەت تاپقۇزۇش شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەشكە ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك يول تېپىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى ئۈچۈن پائال ياردەم بەردى.

   2007–يىلى 6 – ئايدا، تۇرغۇن ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خۇشال ھالدا بانكىدىن 50مىڭ يۈەنلىك ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئىلىپ، تويلۇق بۇيۇملار دۇكىنى ئاچتى، ھازىر دۇكاننىڭ سودىسى ئېقىپ، ھەر كۈنى 200يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلىدىغان بولدى. تۇرغۇن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ‹‹مەن 2002 – يىلى ئىش ئورنۇمدىن قالغانىدىم، تۇرمۇشىمىز قىيىنچىلىقتا قالغانىدى، ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، بۇنى جاڭ مۇدىرنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، مەن بانكىدىن ئالغان قەرز پۇلنى جاڭ مۇدىر ئوغلىنىڭ ئۆيىنى رەنىگە قويۇپ، كېپىل بولۇپ ئېلىپ بەرگەن››.

   خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى تەۋەلىكىدىكى  17يەككە تىجارەتچى، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلار ئاز سوممىلىق قەرز پۇل رەسمىيىتىنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىپ، جەمئىي 460مىڭ يۈەن قەرز پۇلغا ئېرىشكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە جاڭ خۇاشېڭ كېپىل بولۇپ، ئون ئائىلىلىك ئۈچۈن 230مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئېلىپ بەرگەن.

   2007–يىلى 8 – ئىيۇل ئاقسۇ شەھىرى خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى قۇرۇلۇش ئەترىتى رەسمىي قۇرۇلدى، ماھارىتى بار 42ئىشچى ئەسلىدە ئاقسۇ شەھىرى خۇڭدا قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى –خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇلار پارچە – پۇرات قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قىلىشقا تايىنىپ جان  بېقىپ كېلىۋاتاتتى. جاڭ خۇاشېڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قوشنا ناھىيە  يېزىلارغا بېرىپ، ئۇلار ئۈچۈن قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۇقۇشۇپ بەردى ھەم ئۇلارنى تەشكىللەپ مۇنتىزىم قۇرۇلۇش ئەترىتى  قۇرۇپ چىقتى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جاڭ خۇاشېڭ  قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىنىڭ 12پەرزەنتىنىڭ تېخنىكا ئۆگىنىشىگە ياردەم بەردى، 200نەچچە كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى، ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئالتە بالىنى قايتا مەكتەپكە كىرگۈزدى، تۆت بالىنى ئالىي مەكتەپكە چىقاردى.

ئۇنىڭ مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان ئائىلىسى بار

   جاڭ خۇاشېڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان ئائىلىسى بار.

   جاڭ خۇاشېڭنىڭ ئېرى ئەسلىدە بىر زاۋۇتنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، مائاشىنى توختىتىپ، شتاتىنى ساقلاپ قالغاندىن كېيىن، يۈك ئاپتوموبىلىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، يۈك توشۇدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى تەدرىجىي ياخشىلاندى.  19يىلدىن بۇيان، جاڭ خۇاشېڭ مائاشىنى ئۆيىگە ئەكىرمەي، ئاساسىي جەھەتتىن قىيىنچىلىقى بارلارغا ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئېرى ئەزەلدىن ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ باقمىدى.

   جاڭ خۇاشېڭنىڭ ئاكىسى ئاقسۇ شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس. ئۇ ئاكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 20كىشىنى ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.

   جاڭ خۇاشېڭ: ‹‹مېنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرۈشۈم  ئائىلە مۇھىتىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئاتام دوختۇر بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرەتتى››، دېدى.

   بىز جاڭ خۇاشېڭدىن: ‹‹سىزنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشىڭىزدىكى مەقسىتىڭىز نېمە؟›› دەپ سورىغىنىمىزدا، جاڭ خۇاشېڭ: ‹‹مەن پەقەت ۋىجدانىم بويىچە ئىش قىلىمەن، مېنىڭ كۈچۈم چەكلىك، بولسا كۆپچىلىك بىرلىكتە ياردەم بەرسە، تېخىمۇ ياخشى بولاتتى››، دېدى.

   جاڭ خۇاشېڭ مۇنداق دېدى: ‹‹مەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلار ئۈچۈن ياردەم قىلغاندا ياكى مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى ھەل قىلغاندا، ھەر خىل ئاھانەتلەرنى ئاڭلىدىم، ئازار يەيدىغان ئىشلارغىمۇ كۆندۈم››.

   شەرەپ ۋە مۇكاپات ئالدىدا جاڭ خۇاشېڭ كەمتەرلىك بىلەن: ‹‹مەن قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى قىلمىسام بولمايدىغان، جەزمەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، بۇنىڭ ماختىغىچىلىكى يوق››، دېدى.

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ