|
—چاغانتوقاي ناھىيىسىدىكى كۆچمە داۋالاش نۇقتىسىنىڭ دوختۇرى ئوقاس سۇلايمان

بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇنى ‹‹يايلاق دوختۇرى›› دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ ئاددىي بىلىنىدىغان نامنى بارلىق تېغى، مايلى، قۇلۇستاي چارۋىچىلىق مەيدانى كۆچمە داۋالاش نۇقتىسىنىڭ دوختۇرى ئوقاس سۇلايمانغا باغلىساق ‹‹كۆيۈمچان››، ‹‹ھۆرمەت›› ۋە ‹‹مەدھىيە›› دىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يەردىكى قازاق چارۋىچىلار ‹‹يايلاقتا قانچىلىك گۈل بولسا، ئوقاس دوختۇرنىڭ قىلغان ياخشىلىقى شۇنچىلىك›› دېيىشىدۇ. ئۇ 30نەچچە يىلدا، 90نەچچە مىڭ ئادەم(قېتىم) دېھقان،چارۋىچىنىڭ كېسىلىنى سەييارە كۆردى، 9000ئادەم(قېتىم)دىن ئارتۇق كېسىلى بىر قەدەر ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزدى، 1800نەچچە بوۋاقنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزدى. چارۋىچىلار ئوقاسنىڭ ئاغرىقلارنى داۋالىغانلىقى توغرىسىدا گەپ بولسا، ھەممىسى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدۇ.
قېرىندىشىمىزدىنمۇ يېقىن ‹‹يايلاق دوختۇرى››
2002 – يىل 3 – ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن تاغلىق رايوندا تۇيۇقسىز شىۋىرغان چىقتى، قېلىن قار يېغىپ يوللارنى توسۇۋالدى، جاڭاجېر يېزىسىدىكى ھامىلىدار شاراپەتنىڭ تولغىقى تۇتۇپ، ئۈچ كۈن بۇرۇن باش سۈيى يېرىلىپ، ئانا – بالىنىڭ ھاياتى خەۋەپ ئىچىدە قالغانىدى. يېقىن ئەتراپتا دوختۇر يوق بولۇپ، ئەڭ يېقىن جايدىكى دوختۇرمۇ 60نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئىدى، يېغىۋاتقان قار، گۈركىرەپ چىقىۋاتقان بورانغا قاراپ ئائىلىدىكى ھەممە كىشى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ھامىلىدارنىڭ ئەتراپىدا تۇراتتى.
لېكىن ئۇلار ئوقاس دوختۇرنىڭ ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ شىۋىرغاندا ئالدىراش كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈشۈپ ھاڭ – تاڭ قېلىشتى. ئۇ ئۆيگە كىرىپلا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، ھامىلىدارنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپ كەتتى. بىر سائەتتىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش ئارقىسىدا، بوۋاق ئاخىرى تۇغۇلدى، ئەمما بوۋاق يىغلىمىدى، نەپىسىمۇ يوق ئىدى، يۈزلىرى كۆكىرىپ كەتكەنىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن بۇ ئائىلە كىشىلىرى يەنە جىددىيلىشىپ كەتتى.
ئوقاس كۆپ يىللىق تەجرىبىسىگە ئاساسەن، بوۋاقنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلدى، بۇنداق ئەھۋالدا باش سۈيى ياكى بالا ھەمرىيىدىكى قالدۇقلار بوۋاقنىڭ نەپەس يولىغا كىرىۋېلىپ، ۋاقىتلىق نەپەس بوغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى، لېكىن ئاشۇ قالدۇق نەرسىلەرنى ۋاقتىدا چىقىرىۋەتمىگەندە بوۋاقنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالاتتى. بوۋاقنىڭ ئېغىزىدىكى قالدۇقلارنى بەلغەم سۈمۈرگۈچ بولمىسا چىقارماق تەس ئىدى، لېكىن ئوقاسنىڭ بەلغەم سۈمۈرگۈچ تۈگۈل رېزىنكە نەيچىسىمۇ يوق ئىدى. ئادەمنى قۇتقۇزۇش كېرەك، ئوقاس قانغا بويالغان بوۋاقنىڭ ئېغىزىدىكى نەرسىلەرنى ئېغىزى بىلەن سۈمۈرۈپ چىقىرىشقا كىرىشتى. بىرىنچى قېتىم، ئىككىنچى قېتىم، ئۈچىنچى قېتىم، تۆتىنچى قېتىم، ئۇ كۈچەپ نەپەسلىنىپ بەشىنچى قېتىم بوۋاقنىڭ ئاغزىدىكى نەرسىلەرنى سۈمۈرۈپ چىقارغاندا، ‹‹ئىڭە›› دېگەن يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ ئاۋاز كىگىز ئۆيدىكىلەرگە شادلىق ئاتا قىلدى . ئوقاس بولسا چارچىغىنىدىن ئاغزى گەپكىمۇ كەلمەي قالدى.
ئوقاس 30نەچچە يىللىق دوختۇرلۇق ھاياتىدا، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا تالاي قېتىم يولۇقتى. ئۇ دېھقان – چارۋىچىلارغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ئارقىلىق، ھاياتى خەۋەپ ئىچىدە قالغان 130نەچچە بوۋاقنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ھازىر بۇ 130نەچچە جاننىڭ بەزىلىرى مەكتەپكە كىردى، بەزىلىرى خىزمەتكە چىقتى. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ‹‹كىندىك ئاتىسى›› ئوقاس دوختۇرنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.
‹‹مەن چارۋىچىلارنىڭ ئوغلى، چارۋىچىلىق رايونى ماڭا موھتاج››
ئوقاسنىڭ خوتۇنى پېنسىيىگە چىقىشتىن ئىلگىرى چاغانتوقاي ناھىيىلىك يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدا ئىشلەيتتى، ئۇمۇ دوختۇر بولۇپ، توي قىلغاندىن كېيىن ئۆينىڭ ئېغىر يۈكى ئۇنىڭ زىممىسىگە چۈشتى، چۈنكى ئوقاسنىڭ بىر يىلدا ئۆيىدە تۇرىدىغان ۋاقتى ئىككى ئايغىمۇ يەتمەيتتى. توي قىلغان 26يىلدىن بۇيان، ئۇلارنىڭ قۇربان ھېيت، روزى ھېيتلارنى بىللە ئۆتكۈزگەن ۋاقتى ساناقلىقلا ئىدى. ئىدارە ئوقاس ئائىلىسىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، 1991– يىلى ئوقاسقا ناھىيىگە يۆتكىلىشكە پۇرسەت بەردى، لېكىن ئوقاس ئۇنى رەت قىلدى. شۇ چاغدا خوتۇنى نارازى بولۇپ ئۇنىڭدىن قېيدىدى، ئوقاس: ‹‹مەن چارۋىچىلارنىڭ ئوغلى، چارۋىچىلىق رايونىدا دوختۇر كەمچىل، چارۋىچىلىق رايونى ماڭا موھتاج››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ كۆندى، ئوقاس ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خىزمەتنى تېخىمۇ بېرىلىپ ئىشلىدى، لېكىن ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئالدىدا تولىمۇ خىجالەت ھېس قىلىدۇ. 1981-يىلى ئوقاسنىڭ ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتتى، شۇ چاغدا ئۇ مايلى قىشلىقىدا كېسەل كۆرۈۋاتاتتى، شۇڭا ئۇ ئاتىسى بىلەن ۋىدالىشالمىدى؛ 1997–يىلى ئۇنىڭ ئاكىسى ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ شۇ چاغدىمۇ چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى داۋالاش نۇقتىسىدا ئىدى؛ 1991 – يىلى خوتۇنى رېماتىزىملىق يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك ئوپېراتسىيە قىلىندى، ئۇ بۇ چاغدىمۇ قىشلاقتا بولۇپ، خوتۇنىنىڭ يېنىدا بولالمىدى.
چارۋىچىلارنىڭ دورا ھەققىنى تۆلەپ قويدى
ئوقاسنىڭ ئائىلىسى باي ئەمەس، ئۇنىڭ قارايدىغان 80نەچچە ياشلىق ئانىسى بار، يەنە ئۈچ بالىسى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئاكىسىنىڭ ئۈچ بالىسىنى باقىدۇ، بۇ ئالتە بالىنىڭ تۆتى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئىنىسى بىللە تۇرىدۇ، بىر ئائىلىدىكى ئون جان كىشى ئۇنىڭ بىلەن خوتۇنىنىڭ مائاشىغا تايىنىدۇ، ئۇلارنىڭ كۈنى غورىگۈل ئۆتىدۇ. لېكىن ئاغرىقلارغا ئۇ بەكمۇ سېخىي.
قۇلۇستاي چارۋىچىلىق رايونىدىكى چارۋىچى جاقبېك ئوقاس دوختۇرنى تىلغا ئالسىلا، ئۇنىڭ كۆزىگە مىننەتدارلىق يېشى تولىدۇ. 1986-يىلى جاقبېك ئوت –چۆپ ئوراۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن سول قولىنى كېسىۋالدى، ئەينى چاغدا قۇلۇستاي چارۋىچىلىق مەيدانىدا داۋالاش نۇقتىسى يوق ئىدى، جاقبېكنىڭ سول قولى ياللۇغلىنىپ بېلىكى كېسىۋېتىلىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغانىدى، ئىككى قىزى ئۆيدە ئىش كۈتۈۋاتاتتى، كەنجى ئوغلى ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەنىدى، تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى ئېغىر ئىدى. ئوقاس جاقبېكنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ھەر قېتىم ناھىيىدىن بۇ جايغا ئۆتكەندە، ئۇن، گۈرۈچ ۋە ياغ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئەكىلىپ بېرىپ تۇردى، بوش ۋاقىت چىقسا جاقبېكنىڭ ئۆي سېلىش، ئوت – چۆپ ئورۇش، سۇ توشۇش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ كەلدى. تۆت يىلدا ئوقاس دوختۇر ئۇنىڭغا 3 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ياردەم قىلدى. جاقبېك ئائىلىسىدىكىلەر ئوقاسنىڭ باشقا داۋالاش نۇقتىسىغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئۇققاندا يىغلاپ كېتىشتى.
ئوقاسنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دوختۇرخانا ھەر يىلىنىڭ ئاخىرى دورا ھەققىنى راسچوت قىلغاندا، ئوقاس دورا ھەققىنى تاپشۇرالمىغان دېھقانلارنىڭ پۇلىنى تۆلەپ قويىدىكەن، بەزىلىرىگە نەچچە ئون يۈەن، بەزىلىرىگە مىڭ يۈەن تۆلەپ قويىدىكەن، بۇ 30نەچچە يىلدا ئۇنىڭ قانچىلىك پۇل تۆلىگەنلىكىنى ھېچكىم ئېنىق دەپ بېرەلمەيدىكەن. 30نەچچە يىلدىن بۇيان، ئوقاس داۋالاش– ساقلىق ساقلاش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىشلەپ كەلدى، ئۇ باشتىن – ئاخىر مىننەتسىز، پۇشايمانسىز ئۆتتى. ئۇنىڭ ئىشلىرى جاھاننى زىلزىلىگە سالمىسىمۇ، دېھقانلار ۋە چارۋىچىلارنىڭ ھەقىقىي ھىمايىسىگە ئېرىشتى. دېھقانلار ۋە چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ئۇ بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى. 2006–يىلى 2 – ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەھىيە سىستېمىسىدىكىلەرگە ئوقاستىن ئۆگىنىش توغرىسىدا چاقىرىق چىقاردى. 2006–يىلى 7 – ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇنىڭغا ‹‹مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى›› دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى.
|