باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>كوممۇنىسىتلارغا مەدھىيە>>مەخسۇس خەۋەرلەر
‹‹ئاممىنى بېيىشقا يېتەكلەش ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم››
2007- 09- 14 15:56 شىنجاڭ گېزىتى

—ئۇششاق تېرەك كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى ئۆمەر ئىمىن توغرىسىدا

   ئۆمەر ئىمىن 1996-يىلى بۈگۈر ناھىيىسى قاراباغ يېزىسى ئۇششاق تېرەك كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى. ئۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن كەنت خەلقى ئون يىل تىرىشىش ئارقىلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى يىلمۇ يىل ئاشتى. بۇ كەنت ئىلگىرىكى نامرات كەنتتىن يېزا بويىچە ئەڭ باي كەنتكە ئايلاندى.

   ئۆمەر ئىمىن 2006-يىلى قاراباغ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقلىقىغا سايلاندى، بىراق، ئۇششاق تېرەك كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ مەڭگۈ ئۇششاق تېرەك كەنتىنىڭ ياخشى ياچېيكا شۇجىسى ئىدى.

ئۇ ياچېيكا شۇجىسى بولغان ئون يىلدا كەنت نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى

   ئۇششاق تېرەك كەنتىدە 1700نوپۇس، 475 ئائىلىلىك بار. 1996-يىلىدىن ئىلگىرى كەنتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاستا بولۇپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ بىر يىللىق كىرىمى ئاران 1800يۈەن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ئاران 800يۈەن ئىدى. كادىرلار ئىستىلدا چېچىلاڭغۇ بولۇپ، دېھقانلارنىڭ پىكرى كۆپ ئىدى.

   ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى ئالدىدا يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئۆمەر ئىمىن مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ كۆپچىلىككە: ‹‹ئاممىنى بېيىشقا يېتەكلەش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم››، دەيتتى.

   1996-يىلى كەنت 300مو قاقاسلىقنى ئاچماقچى بولدى، بۇ يەرلەرنى قانداق قىلىپ ھوسۇللۇق ئېتىزلارغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ ئۆمەر ئىمىن ئۆيىنى رەنىگە قويۇپ، بانكىدىن 45مىڭ يۈەن قەرز ئالدى. باشقا ئون كەنت كادىرىمۇ كالا، تراكتور، ئۆي قاتارلىق مۈلۈكلىرىنى رەنىگە قويۇش ئارقىلىق بانكىدىن 100نەچچە مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، بۇ يەرلەرنى تۈزلىدى ھەم  ھۆددىگە بەردى. ئىككىنچى يىلى كەنت  مۇشۇ تۈردىلا 185مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ھەم بانكا قەرزىنى تولۇق قايتۇردى.

   ئون يىل جەريانىدا كەنت جەمئىي 3980مو قاقاسلىقنى تۈزلەپ ھۆددىگە بەردى، كەنتتىكى بەزى باغلاردىن قىلىنغان كىرىم بىلەن قوشۇلۇپ، كەنت كوللېكتىپى ھەر يىلى 340مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

   كەنت بۇ كىرىمگە تايىنىپ 500مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىقتىدارى تولۇق كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى سالدى، 19كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئاسفالت يول، 7.5 كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياسىدى، يۈرۈشلەشكەن كۆۋرۈك، سۈڭگۈچتىن 50نى ياساپ، كەنت كومىتېت بىناسى سالدى، 10 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر ئەتراپىغا 1800مو ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلدى. 85 يۈرۈش يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالدى، پاتقاق گازى ئورىكىدىن بەشنى قازدى، 80 ئائىلىلىكنىڭ ھويلىسى، 50 ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتتى.

   1996-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە پاختا بازىرى ياخشى بولدى. ئۆمەر ئىمىن  كۆپچىلىكنى كېۋەز تېرىشقا سەپەرۋەر قىلدى، كەنتتە كېۋەز تېرىشقا تايىنىپ بېيىغان نۇرغۇن تېرىقچىلىق ئائىلىسى بارلىققا كەلدى. كېۋەز كۆلىمى 1996-يىلىدىكى 1200مودىن 2006-يىلى 4500موغا يەتتى، بۇ مەزگىلدە ئۇ كۆپچىلىكنى قىسمەن تۆۋەن ھوسۇللۇق كېۋەزلىكلەرنى ئۈنۈمى يۇقىرى باغلارغا ئۆزگەرتىشكە يېتەكلىدى، شۇنداق قىلىپ كەنتتىكى باغ كۆلىمى ئىلگىرىكى 400مودىن كېڭىيىپ، ھازىر 4000مودىن ئاشتى.

كەنتتىكىلەرنىڭ نەزىرىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىسمى – جىسمىغا لايىق دېھقان تېخنىك

   كەنت ئاھالىسى بېيىدى، ئۆمەر ئىمىن  كەنتتىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشىلاشتا پەن - تېخنىكىغا تايىنىش كېرەكلىكىنى بىلەتتى.

   كەنتتىكىلەرنىڭ نەزىرىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىسمى-  جىسمىغا لايىق دېھقان تېخنىك ئىدى. باقمىچى نىياز قادىرنىڭ ئۆيى كەنت كومىتېتىدىن خېلى يىراق بولۇپ، باقمىچىلىقتا قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، ئۆمەر ئىمىن باقمىچىلىققا ئائىت ئېلېكترونلۇق ئوقۇتۇش فىلىملىرىنى ئۇنىڭغا ئەكىلىپ بەردى، بەزى دېھقانلار ئېلېكترونلۇق ئوقۇتۇش فىلىملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن بىلەلمىگەن مەسىلىلىرى بولسا، ئۇ ئېتىز باشلىرىغىچە بېرىپ دېھقانلارغا ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ چۈشەندۈردى.

   ئەجىر يەردە قالمايدۇ. بۇ بىر قانچە يىلدا ئۇششاق تېرەك كەنتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە پەن - تېخنىكا بويىچە تەربىيىلەش خىزمىتىنى چىڭ  تۇتۇش ئارقىلىق،%95ئەمگەك كۈچى ‹‹يېشىل››كىنىشكا ئالدى. تۈرلۈك پەن - تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى 185 كە يېتىپ، بۇ كەنتتىكى ئومۇمىي ئائىلىنىڭ%45ىنى ئىگىلىدى. كەنتتە ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىق مەشغۇلاتى %90كە يەتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى  دېھقانلارنىڭ پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىشىغا ياخشى ئاساس سالدى.

   ئۆمەر ئىمىننىڭ يېتەكلىشى بىلەن، ئۇششاق تېرەك كەنتىنىڭ ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. دېھقانلار كەڭ، يورۇق خىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. كەنت يېشىللاشتى، گۈزەللەشتى. توك تارتىلدى، تېلېفون ئۇلاندى، ئاسفالت يول ياسالدى. تۇرۇبا سۈيى ئۇلاندى، دېھقانلار رەقەملىك تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان بولدى، ھاجەتخانا، ئوچاقلار ئۆزگەرتىلىپ، دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئاراملىرى ياخشىلاندى.

    ھازىر ئۇششاق تېرەك كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ  كىشى بېشى ساپ كىرىمى 5210 يۈەندىن ئېشىپ،  ناھىيە بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، ئىسمى - جىسمىغا لايىق باي كەنت بولۇپ قالدى.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ