|
—ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى يى تىڭجيەن توغرىسىدا

ئۇ ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن 40نەچچە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا خالىس ياردەم قىلدى، ئۇ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئائىلىسىدە تۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزدى. ئۇ 1964-يىلى كۆك دالادا خىزمەتكە قاتناشتى، 1969-يىلىدىن ئېتىبارەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى، 2006-يىلى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىنى ئالدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەت ئورنىدا 38يىل خىزمەت قىلدى. 38يىلدىن بۇيان، ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىمىنى، ياشلىقىنى چېگرا رايونغا بېغىشلاپ، يۈكسەك ئەخلاق – پەزىلىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسەتتى ۋە ئۇلارنى تەربىيىلىدى.
ئۇ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق ئۈلگىسى››، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ‹‹پارتىيە ئەزالىرى ئۈلگىسى››، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى يى تىڭجيەن.
ھەر قانچە جاپا تارتساممۇ، ئوقۇغۇچىلارنى جاپادا قويمايمەن
يى تىڭجيەن 38يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا، تۈركۈم – تۈركۈم ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ ئۇزىتىپ، تۈركۈم – تۈركۈم ئوقۇغۇچىنى كۈتۈۋالدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت ئورناتتى. 1992-يىلى ئۇنىڭ خوتۇنى كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلدى، ئۇ 11 ياشلىق بالىسى بىلەن قالدى. خوتۇنى ئاغرىغان مەزگىلدە، خوتۇنىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلدى. 1998-يىلى پراكتىكانت يېتەكچىسى بولغان يى تىڭجيەن يېزا ئىگىلىك 4 – شىسى 1 – ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قىيىنچىلىق دەستىدىن، بىر كونا كەپىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئەھۋالنى ئىگىلەش ئارقىلىق، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدە كېسەلچان بوۋىسى بىلەن ئاتىسىلا بارلىقىنى، ئوقۇش پۇلى، تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۆزى ئىشلەپ تاپىدىغانلىقىنى بىلدى. ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەيلا بۇ ئوقۇغۇچىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بەردى ھەم ئۇنىڭغا بىر ئېغىز ئۆيىنى ئاجرىتىپ بېرىپ، ئۇنى خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلدى. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ ئوقۇغۇچى سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتتى، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان تۆت يىلدا، يى تىڭجيەن ئۇنىڭ ئوقۇشى ۋە تۇرمۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بۇ ئوقۇغۇچىغا 8000يۈەن تۇرمۇش خىراجىتى ئەۋەتىپ بەردى. ھازىر ئۇ ئوقۇغۇچى شاڭخەيدىكى بىر گېزىتخانىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
14يىل مابەينىدە، يى تىڭجيەننىڭ ئۆيىدە 40نەچچە ئوقۇغۇچى تۇرغان، ئۇ ھەر يىلى بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن نەچچە مىڭ يۈەن خىراجەت ئاجراتقان، ئۇ يەنە 70نەچچە مىڭ يۈەن چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بەرگەن، بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلغان پۇلى 100نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.
ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇ تاماق، كىيىم – كېچىكىگە ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، ھازىرمۇ ئۇنىڭ پايپىقى ۋە سومكىسىغا نۇرغۇن ياماق سېلىقلىق. ئۇنىڭ ئۆيىدە پۇلغا يارىغىدەك بىرەرمۇ ئۆي جابدۇقى يوق. نەچچە ئون يىل ياتقان كارىۋىتىنىمۇ ئىككى ئورۇندۇقنى جۈپلەپ ئۈستىگە تاختاي قويۇپ ياسىۋالغان. فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى 97-يىللىق 2– سىنىپىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ پۈتكۈزۈپلا، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. ئۇ بۇ ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، بىر قانچە مەكتەپكە بېرىپ ئىئانە توپلىدى ھەم ئاخبارات ۋاسىتىسىدا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ،جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىغا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.
بۇلتۇر بىر ئوقۇغۇچى ئالاتاۋ پورتىدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىدى، ئۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال دوختۇرخانىغا كەلدى، دوختۇر بۇ ئوقۇغۇچىنى دەرھال ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئائىلە باشلىقىنىڭ قول قويۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. لېكىن، دوختۇر بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ خۇنەندە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. يى تىڭجيەن قىلچە ئىككىلەنمەيلا، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا قول قويدى. بۇ ئوقۇغۇچى ئوپېراتسىيىدىن كېيىن بىر نەچچە كۈن يەرگە چۈشسە بولمايتتى، شۇڭا يى تىڭجيەن بۇ ئوقۇغۇچىغا ئۈچ كۈن قارىدى. بۇ جەرياندا ئۇ بۇ ئوقۇغۇچىغا تاماق يېگۈزدى، چوڭ – كىچىك تەرەتلىرىنى تۆكتى. سىستېرالار يى تىڭجيەننى بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتىسى بولسا كېرەك، دەپلا ئويلاپ قالغان. بۇ ئوقۇغۇچى دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، يى تىڭجيەنگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، ھۆرمەت بىلەن ئۇنىڭغا تازىم قىلدى.
خەنزۇ ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ‹‹ئوغلى››
ئۈچ يىل ئىلگىرى، مۇساجاننىڭ ئاپىسى قازا قىلدى، ئاتىسىمۇ كېسەلچان بولۇپ، ئەمگەك قىلالمايتتى. ئائىلىسىدە يەنە 80نەچچە ياشلىق مومىسى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىنىسى، سىڭلىسى بار ئىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ھۆكۈمەت ۋە قوشنىلىرىنىڭ ياردىمىدە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. مۇساجانمۇ دائىم ئاچ قورساق مەكتەپكە كېلەتتى، ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلى كاپالەتكە ئىگە بولمىغاچقا، ئوقۇشتىن قېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى. يى تىڭجيەن بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مۇساجاننىڭ ئېگىلمەس – سۇنماس ئوقۇش روھىغا قايىل بولۇپ، ئۇنى دەرھال ئۆيىگە كۆچۈرۈپ كەلدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇنىڭ مۇساجانغا ياردەم قىلغان تۇرمۇش خىراجىتى 5000يۈەندىن ئاشتى. يى تىڭجيەن مۇساجانغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مۇساجاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭغا كۈندىلىك خاتىرە، قەلەم قاتارلىق بۇيۇملارنى سوۋغا قىلدى ھەم ئۇ ياخشى كۆرۈدىغان قورۇمىلارنى قورۇپ بەردى.
يى تىڭجيەن دائىم مۇساجانغا: مىللىي ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ھەممە تەرەپتىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا، سېنىڭ باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىدىغان دەسمايەڭ بولىدۇ، دەيتتى. ئۇ مۇساجاننى ياخشى سىنىپ كادىرى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى، پارتىيىگە كىرىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەردى، ئۇنىڭغا HSK(خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى)ئىمتىھان ماتېرىياللىرى ۋە ئۈنئالغۇ لېنتىسى ئېلىپ بېرىپ، كۈندە بىر خەت، بىر جۈملىدىن تەكرار – تەكرار ئۆگەتتى. يى تىڭجيەننىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن مۇساجان ئۆگىنىش، سىياسىي – ئىدىيە قاتارلىق تەرەپلەردە ناھايىتى تېز ئىلگىرىلەپ، كۆپ ئۆتمەيلا شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىردى.
ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، باشقىلارغا ياردەم بېرىش جەريانى يى تىڭجيەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەسىرلىنىش جەريانى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹گەرچە مەن نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرگەن بولساممۇ، لېكىن، مەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدە ماڭا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلمايمەن››. چۈنكى، ئۇلارغا ياردەم بېرىش جەريانىدا مەنمۇ نۇرغۇن خۇشاللىق ۋە قانائەتكە ئېرىشتىم. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مېنىڭ ياردىمىمدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چەكسىز قانائەت تاپىمەن.
|