|
بىر خەنزۇ ئايال دوختۇر ئۇيغۇرلار نوپۇسى%98ىنى ئىگىلەيدىغان چەت، يىراق كەنتتە 41يىل ئۈن - تۈنسىز ئىشلەپ، 300مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق ئاغرىقنى داۋالاپ، ئاغرىقلار ئۈچۈن 35مىڭ يۈەن داۋالىنىش ھەققىنى تۆلەپ بېرىپ، كەنتتىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بار ئوقۇغۇچىلارغا قىممىتى 6000يۈەندىن ئارتۇق ئوقۇش قورالى ئىئانە قىلىپ، پۇقرالارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. ليۇ يۈليەننىڭ ئىش پائالىيەتلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.
بەلكىم ھازىر بەزىلەر ليۇ يۈليەن سەل ئەخمەق ئىكەن، دۆت ئىكەن؛ ئۇ 40نەچچە يىل جاپا - مۇشەققەت چېكىپ، نام - ئاتاق قوغلاشماي ئۆتۈش ئارقىلىق زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇ يىل 58ياشقا كىرگەن ليۇ يۈليەننىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىگە نىسبەتەن ئۆز چۈشەنچىسى بار، ئۇ ئۆزىنى تەقدىم قىلىش بىلەن بىللە، يەنە خۇشاللىققىمۇ ئېرىشمەكتە، بۇ بىر خىل ئەھمىيەتلىك مۇساپە، بىر خىل ئاددىي ئېتىقاد بىلەن غايىنىڭ تۈرتكىسى، بۇنداق ئېتىقادقا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
بىر كىشىنىڭ ئالىي پەزىلەتلىك بولۇش - بولماسلىقىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى، تۇرمۇشىنىڭ نامرات - باياشات بولۇشى، ئورنىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ 5000يىللىق ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيان تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئەخلاق ئۆلچىمى ئاللىبۇرۇن شەكىللەندى ھەم مىليونلىغان ئاددىي پۇقرالار ئىچىدە داۋاملاشماقتا، ليۇ يۈليەن دەل مۇشۇ كىشىلەرنىڭ بىر ئۈلگىسى.
ليۇ يۈليەن كېسەلنى داۋالاپ، ئادەمنى قۇتقۇزۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلغان دوختۇر، شۇنداقلا كومپارتىيە ئەزاسى. بۇ بىزگە بېتيۇننى، قىلچە ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەي باشقىلارنىڭلا مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان، خىزمىتىگە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان، خەلققە ناھايىتى سەمىمىي كىشىنى ئەسلىتىدۇ. يولداش ماۋ زېدۇڭ: ‹‹ئادەمنىڭ ئىقتىدارى چەكلىك بولىدۇ، لېكىن روھ بولسىلا ئادەم ئالىيجاناب، دۇرۇس، ئەخلاقلىق، چاكىنا ئارزۇ - ھەۋەستىن خالىي ئادەمگە، خەلققە پايدىلىق ئادەمگە ئايلىنىدۇ››، دېگەنىدى. ليۇ يۈليەن دەل مۇشۇنداق ئايال.
ليۇ يۈليەندىن ئۆگىنىشتە، ئۇنىڭ ئاغرىقلارغا سەمىمىي، خىزمەتكە ئەستايىدىل، كىشىلىك تۇرمۇشقا قىزغىن، كەسپىگە بېرىلىپ مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىدىن، نام - ئاتاق قوغلاشمايدىغانلىقىدىن ئۆگىنىشمىز، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىمىزنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، كىشىلىك تۇرمۇشتىن لەززەتلىنىشىمىز كېرەك.
|