|
‹‹ئىناقلىق››مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، مەھەللە ئاھالىسىگە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، ئاھالىلەرنى باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىگىچە سىڭدۈرۈپ، بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا پارتىيىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى. ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشكە، تەجرىبىسىنى ئۈلگە قىلىشقا بولىدۇ.
مەھەللە - ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ ھۈجەيرىسى، مەھەللە ئىناق بولغاندا جەمئىيەت ئىناق بولىدۇ. ‹‹ئىناقلىق›› مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى بىر نىيەتتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئىش قىلىشتا دادىل بولۇپ، ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاساسىي قاتلامدا بىر تەرەپ قىلدى. مەھەللە پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە سىڭىش كۈچىنى كېڭەيتتى ھەم پارتىيە ياچېيكىسىنى تېخىمۇ ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە قىلدى. بىز ئۇلارنىڭ بۇنداق يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز.
|