باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>كوممۇنىسىتلارغا مەدھىيە>>قىسقا خەۋەرلەر
پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى
2007- 07- 16 09:53 شىنجاڭ گېزىتى

   پارتىيە قۇرۇلۇشى كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا قانچىلىك رول ئوينايدۇ؟

  ‹‹جۇڭخې›› شىركىتى پارتكومى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭى ۋەزىيەتكە يۈزلىنىپ، كارخانا پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئورنىنى توغرا بېكىتىپ، بەلگىلىك ئۇتۇق قازىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى قۇرۇق شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويماي، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردا رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرى ۋە شەكىللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەسىرى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ۋاسىتىلىرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا شىركەت پارتكومى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى چۆرىدەپ  ‹‹كوممۇنىستلار  قۇرۇلۇشى››، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى مەسئۇلىيەت رايونى›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ ئۈنۈملۈك، يېڭىلىق يارىتىلغان پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋاسىتىلىرى كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كارخانا تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا كارخانىنىڭ ھالقىما، ساغلام، تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

  ‹‹جۇڭخې›› شىركىتى پارتكومى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىدە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشنى يېڭى تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىدى، بۇنى ئۆگىنىشكە ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ