باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>كوممۇنىسىتلارغا مەدھىيە>>مەخسۇس خەۋەرلەر
پامىرنى قوغدىغان بۈركۈت
2007- 07- 11 15:57 شىنجاڭ گېزىتى

—ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 16-باشقارمىسىنىڭ ساقچىسى، ئىنقىلابىي قۇربان خۇاڭ چياڭنى ئەسلەيمىز

   بۇ يىل ئەمدىلا 21ياشقا كىرگەن ساقچىنىڭ ئىسمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 16-باشقارمىسىنىڭ ساقچىسى خۇاڭ چياڭ 5 – يانۋار پامىر ئېگىزلىكىنىڭ تاغلىق رايونىدا رازۋېدكا قىلىش، ئاختۇرۇپ تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا، تېررورچىلار بىلەن باتۇرانە جەڭ قىلىپ، بەختكە قارشى مەردلەرچە قۇربان بولدى.

كىچىكىدىن تارتىپلا ئەسكەر بولۇشنى ئارزۇ قىلىش
 
   ئوغلىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئىشلىرىنى سۆزلەۋاتقان خۇاڭ چياڭنىڭ دادىسى خۇاڭ چاڭگېن: ئوغلۇم كىچىك ۋاقتىدا، ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭدىن چوڭ بولغاندا نېمە بولۇسەن دەپ سورىسا، مەن چوڭ بولغاندا ئەسكەر بولۇمەن، ياخشى ساقچى بولۇمەن دەيتتى، دېدى كۆزىگە لىق ياش كەلسىمۇ زورىغا كۈلۈپ تۇرۇپ.

   2002 – يىلى 13-دېكابىر ھاۋا ناھايىتى تۇمانلىق ئىدى، خۇاڭ چياڭ ھەربىي فورما كىيىپ، قىزىل گۈل تاقاپ، شەرەپلىك ھالدا شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئەسكىرى بولدى.

   2004-يىلىنىڭ بېشىدا، كوللېكتىپ مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەربىي ئىشلار ساپاسى بىر قەدەر ياخشى بولغان خۇاڭ چياڭ 400يېڭى ئەسكەر ئىچىدىن تاللىنىپ، باشقا توققۇز يېڭى ئەسكەر بىلەن بىرلىكتە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ 2 –تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ھەرىكەت چوڭ ئەترىتى ئايروپىلان بۇلاشقا قارشى تۇرۇش ئوتتۇرا ئەترىتىگە قوبۇل قىلىندى.

   خۇاڭ چياڭ ئايروپىلان بۇلاشقا قارشى تۇرۇش ئەترىتىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، قارىغا ئېتىش سەۋىيىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، يوشۇرۇنۇپ زەربە بېرىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى. يازدا پىژغىرىم ئاپتاپتا قارىغا ئېتىشنى مەشىق قىلدى، قىشتا قاتتىق سوغۇققا قارىماي ئىرادىسىنى چېنىقتۇردى. ئۇ بىر كىچىك ھەرىكەتنى قائىدىلىك قىلىش ئۈچۈن، پىژغىرىم ئاپتاپتا تۆت سائەت تۇراتتى؛ مىلتىق سىناشقا ئائىت ھەرىكەتلەرنى پىششىق ئىگىلەش ئۈچۈن، نەچچە يۈز قېتىم قايتا    قايتا قىلاتتى...... خۇاڭ چياڭ ئۆزىنىڭ كامالەتكە يەتكەن قارىغا ئېتىش تېخنىكىسى، تۇراقلىق روھىي ساپاسى ئارقىلىق، قىسىم ئۆز ئۈستىگە ئالغان دوكلات بېرىش پائالىيىتىدە ‹‹مۇنەۋۋەر مەرگەن›› بولۇپ باھالاندى.

‹‹بۇ مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش››

   نۇرغۇن سەپدىشىنىڭ ئالبومىدا، خۇڭ چياڭ بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت ساقلاغلىق. سەپداشلىرى كۆپچىلىك خۇشاللىقىدىن يايرىغان، يېقىنلىقىدىن ئاغا  ئىنىدەك بولۇپ كەتكەن چاغلىرىنى ئەسلىگىنىدە، ئۆزلىرىنى باسالماي يىغلاپ كېتىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 16-باشقارمىسىنىڭ ئاپتوموبىل شۆبە ئەترىتى 2 – ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ بەنجاڭى لى چىسۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا: خۇاڭ چياڭنىڭ يېشى كىچىك بولغان بىلەن، سەپداشلىرىنىڭ نەزەرىدە ئەڭ ئەستايىدىل، ئىشەنچلىك، سەمىمىي ئادەم، دېدى.

   خۇاڭ چياڭ سەپداشلىرىنىڭ ئالدىدا ھەرگىز پىخسىقلىق قىلمايدۇ.

   بەندىكى بىر يېڭى يولداشنىڭ ئاشقازىنىنى سوغۇق ئېلىپ كېتىپ، ئۇدا نەچچە كېچە ياخشى ئۇخلىيالمىدى. خۇاڭ چياڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ دوختۇرغا كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال گرېلكا سېتىۋېلىپ، كۈندە كەچتە ئىسسىق سۇ قاچىلاپ ئۇنىڭغا ئىسسىق ئۆتكۈزدى. بۇ يېڭى يولداش: بەنجاڭ، مەن سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتسام بولار؟ دېۋىدى، خۇاڭ چياڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

   —نېمىگە رەھمەت ئېيتىسەن، بۇ مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش،  دەپ جاۋاب بەردى.

   2004-يىلى سەپدىشى جاۋ ۋېننىڭ دادىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ناھايىتى كۆپ داۋالىنىش ھەققىگە ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئوتتۇرا ئەترەت بارلىق سەپداشلارنى ئىئانە قىلىشقا تەشكىللىدى، ئايدا ئاران 120يۈەن ياردەم پۇلى ئالىدىغان خۇاڭ چياڭ بىراقلا 200يۈەن ئىئانە قىلدى.

   ھەر قېتىم بۇ ئىشلارنى ئەسلىگەندە، خۇاڭ چياڭنىڭ گۆدەك چىرايى سەپداشلىرىنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدۇ. ئاددىي ئېيتىلغان ‹‹بۇ مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش›› دېگەن سۆزىمۇ سەپداشلىرىنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالدى.

‹‹دۈشمەن بايقالدى، مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن››

   5 –يانۋار سەپداشلىرى ئەڭ قايغۇرغان كۈن.

   ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 16-باشقارمىسىنىڭ مەشىق بازىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن لېي: ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، خۇاڭ چياڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ رازۋېدچىك بولدى، دېدى.

   تاغ يولى تار، يۈك ئېغىر، ئوكسىگېن شالاڭ ئەھۋالدا تاغقا چىققاچقا، ئەسكەرلەرنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتى ناھايىتى كۆپ سەرپ بولدى. خۇاڭ چياڭ ‹‹يۈەن مۇئاۋىن مۇدىر، يېتىپ باراي دېدۇق، ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭ!›› دېسە، يۈەن مۇئاۋىن مۇدىر ‹‹خۇاڭ چياڭ، سەنمۇ كۈچىگىن!›› دەيتتى، يول بويى ئاغا – ئىنىدەك بىر – بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ ماڭدى.

   تاغقا چىققاندىن كېيىن، سەل تەييارلىق كۆرۈپلا، جەڭ باشلىنىپ كەتتى. يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق ئىچىدە، خۇاڭ چياڭنىڭ پۇتىغا تۇيۇقسىز ئوق تېگىپ، يارا ئېغىزىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىشقا باشلىدى. ئۇ تىك قىيادىن تۆۋەنگە سېرىلىپ چۈشۈۋاتقاندا، بەختىگە يارىشا تاغ قاپتىلىدىكى بىر گرانت تاشقا ئېسىلىۋالدى.

   بۇ كۆرۈنۈشنى يۈەن لېي مەڭگۈ ئېسىدىن چىقىرالمايدۇ. سەپداشلىرى جىددىيلەشكەن ھالدا: ‹‹خۇاڭ چياڭ، ئەھۋالىڭ قانداق؟›› دەپ سوراشتى. كۆپچىلىكنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن، خۇاڭ چياڭ قاتتىق ئاغرىققا چىداپ تۇرۇپ قولىنى كۆتۈردى ھەم سەپداشلىرىغا ‹‹V›› شەكىللىك غەلىبە ئىشارىتى بېرىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، ناھايىتى بوش ئاۋازدا: ئالدىمىزدا دۈشمەن بايقالدى، مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، مەن بەرداشلىق بېرەلەيمەن، دېدى.

   خۇاڭ چياڭنىڭ يارىسى ناھايىتى ئېغىر بولغاچقا، بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايتتى. يۈەن لېي ئىككى ئادەمنى ئالدىراش چاقىرىپ، خۇاڭ چياڭنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئېلىپ چۈشۈشكە بۇيرۇدى. خۇاڭ چياڭ يەنىلا توختىماستىن: دىققەت قىلىڭلار! ئالدىمىزدا دۈشمەن بار!  دېدى. ئۇ تاكى گەپ قىلالمىغىچە، سەپداشلىرىغا ‹‹ok›› ئىشارىتىنى بەردى.

   —كۆپچىلىك ئۇنىڭ ئۇخلاپ قالغاندەك جىمجىت ياتقىنىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى باسالماي كۆز يېشى قىلىشتى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى،  دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 16-باشقارمىسىنىڭ مەشىق بازىسى ئاپتوموبىل شۆبە ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن تەربىيىچىسى ياڭ پېڭفېي يىغلاپ تۇرۇپ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ