باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>كوممۇنىسىتلارغا مەدھىيە>>قىسقا خەۋەرلەر
ياشلىق باھارى ۋە ھاياتى ئارقىلىق پولاتتەك سەددىچىن سېپىلى سېلىش
2007- 07- 11 15:55 شىنجاڭ گېزىتى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

   ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 16- باشقارمىسىنىڭ  بۇ يىل ئەمدىلا 21ياشقا كىرگەن ساقچىسى خۇاڭ چياڭ تېررور-چىلار بىلەن باتۇرانە جەڭ قىلغاندا، كېچە - كۈندۈز قوغدىلىدىغان پامىر ئېگىزلىكىدە مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ پارتىيىگە بولغان ساداقەتمەنلىكى بىلەن ھەممىنىڭ ئالدىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يېڭى دەۋر ج خ ساقچىلىرىنىڭ ‹‹ساقچى ئومۇم ئۈچۈن، قانۇن خەلق ئۈچۈن›› دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ياشلىق باھارى ۋە ھاياتى ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە چېگرا مۇقىملىقىنىڭ پولاتتەك سەددىچىن سېپىلىنى ياساپ چىقتى.

   خۇاڭ چياڭ ج خ ساقچىلىرىنىڭ نەمۇنىسى، دەۋر ياشلىرىنىڭ ئۈلگىسى. بىز خۇاڭ چياڭدىن ئۆگەنگەندە، ئۇنىڭ پارتىيىنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرىدىغان يۈكسەك پەزىلىتىنى ئۆگىنىشىمىز؛ ئۇنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان قەتئىي سىياسىي مەيدانىنى ئۆگىنىشىمىز؛ ئۇنىڭ جاپاغا چىداپ ئۆگىنىدىغان، ماھارەت مەشىق قىلىدىغان، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان ئېلىشىش روھىنى ئۆگىنىشىمىز؛ ئۇنىڭ خەتەردىن قورقمايدىغان، جان پىدا قىلىدىغان، ھەل قىلغۇچ پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان باتۇرانە جاسارىتىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

   خۇاڭ چياڭ ئۆزىنىڭ ياشلىق ھاياتى ئارقىلىق كىشىنى ھا-ياجانغا سالىدىغان يېڭى دەۋر ج خ ساقچىلىرىنىڭ جان پىدالىق قىلىدىغان، ئۈن - تىنسىز تەقدىم قىلىدىغان تەسىرلىك قەسىدىسىنى يېزىپ قالدۇردى. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ