باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>كوممۇنىسىتلارغا مەدھىيە>>قىسقا خەۋەرلەر
ئاممىغا سەمىمىي خىزمەت قىلغاندىلا، ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ
2007- 07- 06 12:11 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاددىي بىر يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى خادىمى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتۈپ بىر يىلدىن ئاشسىمۇ، نېمىشقا يەنە شۇنچە كۆپ كىشى ئۇنى ياد ئېتىدۇ؟ ئوقۇرمەنلەر ماقالىدىن شۇنى بىلەلەيدۇكى، ئۇ ھايات چېغىدا ئامما ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ، ئامما بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقانىدى.

   جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پارتىيىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى. 86يىلدىن بۇيان، قانداق ئەھۋال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيىمىز ھەر ۋاقىت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى 1 – ئورۇنغا قويۇپ كەلدى،‹‹پارتىيە نىزامنامىسى››گە يېزىلغان ‹‹كومپارتىيىنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ مەنپەئىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق››دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.

   چېن تىڭخۇا پارتىيە ئەزاسى، ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز خىزمەت ئورنىدا پارتىيىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، خەلق بىلەن جاپا  مۇشەققەتتە بىللە بولدى. بۇ دەل ئۇنىڭ ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىشى ھەم بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشىدىكى سەۋەب. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ