|
تەڭرىتاغ تورى تونۇشتۇرىدىغان 60 مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا مەيدانغا كەلگەن مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك روشەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە .
1. ئېتىقاد قەتئىي بولۇپ ، پارتىيىگە سادىق بولۇش . 2. بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە خەلق ئۈچۈن ئىشلەش، ئامما بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلىبداش بولۇش. 3. ئىسلاھاتتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش. 4. پاك - دىيانەتلىك، ئادىل بولۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ئادەتتىكى ئىش ئورنىدا قەتئىي ئىرادە، بوشاشماي ئىزدىنىش روھى ئارقىلىق ئالاھىدە نەتىجىلەرنى ياراتتى، ئىلغارلىقنىڭ دەۋر سەھىپىسىنى يازدى. پارتىيىنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش مەنىۋى ئىستەكلىرىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ روھى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى.
كىشىلەر دائىم: بىر كومپارتىيە ئەزاسى بىر بايراق، دېيىشىدۇ. 1 – ئىيۇل ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىغا 86 يىل بولغان خاتىرە كۈن. بۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ئەستايىدىل ئويلىنىشى، يەنى ئۆزلىرى پارتىيىنىڭ ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە نېمىلەرنى قىلدى؟ سوتسىيالىستىك ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن قانداق تۆھپىلەرنى قوشتى؟ دېگەن مەسىلىلە ئۈستىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈشى كېرەك. ئەگەر ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى قەلبىدە پارتىيە بولۇش، ئىلغارلىق ئۆلچىمى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە تەلەپ قويۇش، پارتىيە ئىنتىزامى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەش، پارتىيىنىڭ غايىسى ئارقىلىق ئۆزىگە ئىلھام بېرىش، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى روھى جىسمى ۋە روھى ئىتىقادىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرالىسا، ئۇنداقتا، 1 مىليون 170 مىڭ پارتىيە ئەزاسى 1 مىليون 170 مىڭ بايراق بولالايدۇ.
|