باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
مۇزىكا ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
2009- 09- 30 11:09 شىنجاڭ گېزىتى

 مەدەنىيەت ئابدۇرېشىت

     مۇزىكا دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى  ئىدىيە، ئەخلاق ۋە ئېتىكا جەھەتتىن تەربىيىلەيدۇ، روھىنى پاكلاندۇرىدۇ، ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ، ئالىيجاناب غايە تىكلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

     ئىلگىرى مۇزىكا ئوقۇتۇشىغا ئېتىبار بەرمەسلىك، ئوقۇغۇچىلارنى مۇزىكا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا يېتەكلىمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلاردا مۇزىكا دەرسىگە سەل قارايدىغان كەيپىيات شەكىللىنىپ قالغانىدى. 

     يېڭى دەرس ئۆلچىمىدە ‹‹ئېستېتىك زوقنى مەركەز، قىزىقىشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ، مۇزىكا دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش›› تەكىتلەندى. بۇ ئادەمنى ئاساس قىلىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى مەركەز قىلغان زامانىۋى ئوقۇتۇش قارىشىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى. شۇڭا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مۇزىكا ئوقۇتۇشىدا، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بۇ ئاساسىي تېمىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئۆز ئارا باراۋەر بولغان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ئازادە دەرسخانا مۇھىتى يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇزىكا دەرسىگە بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغىتىشى، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنى مۇزىكا ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا يېتەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.

      بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى دەرس تەييارلىغاندا مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا ئوقۇتۇش نىشانى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قويغان مۇزىكا جەھەتتىكى تەلىپى بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىدىغان، ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇزىكا دەرسىگە بولغان ئىلمىي تونۇشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام يېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىپ تەييارلىشى لازىم. دەرس ئۆتكەندە، مۇزىكا دەرسىنىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە  ئېستېتىك تەربىيە رولىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇشقا، ئۇلارنى ھېسسىيات، تەپەككۇر ۋە چۈشىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈشكە، ئۇلاردا كوللېكتىۋىزملىق روھى، ھەمكارلىق ئېڭى تۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

     ئوقۇتقۇچى دەرسخانا مۇزىكا ئوقۇتۇشى ئۇسسۇللىرى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، ‹‹مۇزىكا دەرسىنى ئۆتۈپ قويسىلا بولىدۇ›› دەيدىغان قاراشنى ئۆزگەرتىپ، مۇزىكا  ئوقۇتۇشىدا ئىلمىي قاراش تۇرغۇزۇپ، مۇزىكا ئوقۇتۇشى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىشى لازىم.

(ئاپتور: شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىن)

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە