باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
روسىيە پات ئارىدا ‹‹ 500–S ›› بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى
2009- 09- 18 10:45 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 16 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. روسىيىنىڭ ھاۋا ئارمىيە قوماندانى زېرىن 16 – سېنتەبىر روسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئاستراخاندا مۇخبىرلارغا : روسىيە پات ئارىدا يېڭىدىن ‹‹500 – S ›› بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ، دېدى.

    روسىيىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى زېرىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: روسىيە ھازىر ‹‹500 – S›› بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلماقتا. بۇ پۈتۈنلەي يېڭى سىستېما بولۇپ، ‹‹400 – S›› بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ داۋامى ئەمەس.

    خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ‹‹500 – S›› بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ‹‹400 – S›› بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىدىكەن . يېڭى سىستېمىنىڭ چارلاش مۇساپىسى ‹‹400 –  S›› بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىغا قارىغاندا، 150 كىلومېتىردىن 200كىلومېتىرغىچە يىراق ئىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە