باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئەسقەت كەرىمباي ياڭ شىجيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
2009- 07- 03 09:59 شىنجاڭ گېزىتى

     فىڭ جىن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي 1 – ئىيۇل كەچتە مالىيە گۇرۇھىنىڭ قانۇنىي ئىگىسى، لى گودىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ شىجيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

     ياڭ شىجيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى  تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكىلەرنىڭ خەنزۇچە ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۆلچىمى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەن.

     ئەسقەت كەرىمباي ياڭ شىجيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، بولۇپمۇ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىسىتراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا  ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە مول بايلىقى تەيۋەندىكى بىر تۈركۈم كارخانىچىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ  تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىن، تەيۋەندىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشىنى، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     ياڭ شىجيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ  ئۈمىدكە تولغان مۇنبەت تۇپراق، بۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ سانائەت، يېزائىگىلىكى، ساياھەتچىلىك  جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە