باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىيۇلدىن باشلاپ ئۆزلىرى تاللىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالىنىدۇ
2009- 07- 02 11:41 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

     ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەھەر ، بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئىيۇلدىن باشلاپ ئۆزلىرى تاللىغان داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىدۇ . 

     يېقىندا ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 737 مىڭ 52 ئادەم ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئىكەن . نۆۋەتتە ، ئىدارىلەر بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشقان ھەمدە كۆرسىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتىنى تاللىغان ئىشچى – خىزمەتچى 512 مىڭ 351 بولۇپ ، كۆرسىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتىنى تاللاش نىسبىتى %90 كە يەتكەن . مەھەللىلەردىكى كۆرسىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتىنى تاللىغانلار 103 مىڭ 561 بولۇپ ، تاللاش نىسبىتى %63.3 كە يەتكەن . بۇ ئىككى تۈركۈم كىشىلەر مۇشۇ ئايدىن باشلاپ چوقۇم ئۆزلىرى تاللىغان داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىشى كېرەك ئىكەن .

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە