باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق قايتىشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ
2009- 07- 02 11:02 شىنجاڭ گېزىتى

— ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى يولۇچى توشۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شىن بىلەن سۆھبەت

يۈەن لېي

     ئىلاۋە: 1 –  ئىيۇل تۆمۈريول ساھەسى يىلدا بىر كېلىدىغان يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. قىسمەن يولۇچىلار پويىزلىرىنىڭ يۈرۈش لىنىيىسى ئۆزگەرتىلدى. تۈركۈملىگەن ئوقۇغۇچىلار يۇرتىغا قايتىدىغان، پاختا تېرىدىغان ئىشلەمچىلەر شىنجاڭغا كېلىدىغان مۇشۇنداق پەيتتە، يولۇچىلار پويىزلىرىنىڭ يۈرۈش لىنىيىسىدە قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ تۆمۈريول تارماقلىرى توشۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، بېلەت سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يولۇچىلارغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش جەھەتتە قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەپ، مۇخبىرىمىز 30 – ئىيۇن ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى يولۇچى توشۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شىننى زىيارەت قىلدى.

     شىنجاڭلىقلار خاڭجۇنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايدۇ

    مۇخبىر: يولۇچىلار پويىزلىرىنىڭ يېڭى يۈرۈش لىنىيىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، پويىزلارنىڭ يۈرۈش لىنىيىسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟

     خۇاڭ شىن: ئۈرۈمچىدىن نەنجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا بارىدىغان 3/K596 – ، 5/K594 – قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش لىنىيىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاخىرقى بېكىتى بېڭبۇدىن خاڭجۇغا ئۇزارتىلدى، پويىزنىڭ ئومۇمىي يۈرۈش مۇساپىسى 4168 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن ماڭىدىغان مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن پويىز لىنىيىسى. بېڭبۇدىن ئۆتكەندىن كېيىن خېفېي، چاۋخۇ، ۋۇخۇ، شۇەنچېڭ، چاڭشىڭ، خۇجۇنەن، دېچىڭ، خاڭجۇ قاتارلىق سەككىز بېكەت كۆپەيتىلدى. پويىز ئارىلىقتا خۇاڭشەن مەنزىرە رايونى، شىخۇ مەنزىرە رايونىدىن ئۆتىدۇ. بۇ لىنىيە شىنجاڭ بىلەن ئەنخۇي، جېجياڭ ئۆلكىلىرىنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىن بۇ ئىككى ئۆلكىگە بارىدىغان يولۇچىلارغا قۇلايلىق ئېلىپ كەلدى ھەم  شىنجاڭ ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     1 – ئىيۇلدىن تارتىپ يولۇچىلار پويىزلىرىنىڭ يېڭى يۈرۈش لىنىيىسى ئېچىلغاندىن كېيىن بىۋاسىتە بارىدىغان پويىزلاردىن بېيجىڭغا، شاڭخەيگە بارىدىغان ۋە خەنكۇ، چوڭچىڭ يۆنىلىشىدە قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ يۈرۈش ۋاقتى خېلىلا قىسقىرايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە بارىدىغان 1/T54 – قېتىملىق پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى 55 مىنۇت قىسقىرايدۇ؛ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا بارىدىغان T70 – قېتىملىق پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى 46 مىنۇت قىسقىرايدۇ؛ ئۈرۈمچىدىن خەنكۇغا بارىدىغان 1/T194 –  قېتىملىق پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى 53 مىنۇت قىسقىرايدۇ؛ چوڭچىڭدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان 3/K542 – قېتىملىق پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى بىر سائەت بىر مىنۇت قىسقىرايدۇ.

     يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، سەككىز جۈپ ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزى پاختا تېرىدىغان ئىشلەمچىلەرنى شىنجاڭغا توشۇيدۇ

     مۇخبىر: كېۋەز ئېچىلىدىغانغا ئاز قالدى، يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، پاختا تېرىدىغان نۇرغۇن ئىشلەمچى شىنجاڭغا كېلىدۇ، تۆمۈريول تارماقلىرى بۇ جەھەتتە قانداق تەييارلىقلارنى قىلدى؟

     خۇاڭ شىن: ئىككى يىلدىن بۇيان يىلدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئىشلەمچى شىنجاڭغا پاختا تەرگىلى كېلىۋاتىدۇ. پاختا تېرىدىغان ئىشلەمچىلەرنى توشۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پاختىنىڭ ۋاقتىدا تېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يەنى 10 – ئاۋغۇست ئۆپچۆرىسىدە شىنجاڭغا كېلىپ پاختا تېرىدىغان ئىشلەمچىلەرنى توشۇيدىغان سەككىز جۈپ ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى ئارقا –  ئارقىدىن يولغا سالىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: شىئەندىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان 8/L27 – قېتىملىق پويىز، چوڭچىڭ شىمالىي ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان7/L96 – ، 5/L98  – قېتىملىق پويىز، لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان 8/L107 – قېتىملىق پويىز، پىڭلياڭ (يىنچۈەن) دىن ئالاتاۋ، كورلىغا كېلىدىغان 8/L117 – قېتىملىق پويىز، تيەنشۈي (لەنجۇ) دىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان 8/L127 – قېتىملىق پويىز، جېڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان 8/L147 – قېتىملىق پويىز، چېڭدۇدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان 7/L196 – ، 5/L198 –  قېتىملىق پويىز. ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى يەنە شىنجاڭغا كېلىپ پاختا تېرىدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرپان ۋوگزالىدا پويىز ئالمىشىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۇرپاندىن جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە ئالمىشىدىغان يولۇچىلارنى توشۇش ئۈچۈن 25 – ئاۋغۇست ئۆپچۆرىسىدە تۇرپاندىن ئاقسۇغا قاتنايدىغان ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى يولغا سالىدۇ.

     ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق كېلىش – كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

     مۇخبىر: بۇ يىل شىنجاڭغا قايتىدىغان ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئوقۇغۇچىلىرى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ، تۆمۈريول تارماقلىرى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىش –  كېتىشىگە قايسى جەھەتلەردە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؟

     خۇاڭ شىن: ستاتىسىتىكىغا قارىغاندا، بۇ يىل شىنجاڭغا كېلىدىغان ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار جەمئىي 21 مىڭ 356 كىشى بولۇپ، 8 – ئىيۇندىن 2 – ئاۋغۇستقىچە ئارىلىقتا شىنجاڭغا قايتىدىكەن. گۇاڭدۇڭ تۆمۈريول گۇرۇھى گۇاڭجۇدىن ئۈرۈمچى (ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى)غا كېلىدىغان ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنى توشۇيدىغان مەخسۇس پويىزدىن بىرنى تەييارلاشنى ئۈستىگە ئالدى؛ شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە قايتىدىغان ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار تەخمىنەن 20 مىڭ 578 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى %70ى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا، قالغان %30 ى شىمالىي شىنجاڭ ۋە ئۈرۈمچىدە. 26 – ئاۋغۇستتىن 30 – ئاۋغۇستقىچە شاڭخەي، بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، جىنەن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئاساس قىلىنغان لىنىيىدە مەركەزلىك قايتىش دولقۇنى شەكىللىنىدۇ.

      ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق كېلىش – كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى قىسمەن پويىزلارنى (12 – ئاۋغۇستتىن 29 – ئاۋغۇستقىچە T54 – قېتىملىق پويىز؛ 17 – ، 24 –، 26 – ئاۋغۇست T70 – قېتىملىق پويىز؛ 26 – ئاۋغۇست T194 – قېتىملىق پويىز؛ 26 – ، 28 – ئاۋغۇست 1086 – قېتىملىق پويىز) مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق بېلەتنى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇقتىلىق سېتىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەم ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنى توشۇيدىغان ئالتە مەخسۇس پويىزنى يولغا سالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىدىن گۇاڭجۇ، شاڭخەي، بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىنىڭ ھەر بىرىگە ئىككىدىن پويىز قاتنايدۇ، ئورۇندۇقلۇق ۋاگونلارغا ئاساسىي جەھەتتىن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئارتۇق بېلەت بولمايدۇ. ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا سەپەر پىلانىنى مۇۋاپىق تۈزۈپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى قايتىدىغان يۇقىرى دولقۇن مەزگىلىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى ئەسكەرتىدۇ.    

     ئوقۇغۇچىلار بېلىتى 15 كۈن ئالدىن سېتىلىدۇ

     مۇخبىر: كېلىپ – كېتىدىغان ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ھەر يىللىق يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇشتىكى ئاساسىي كۈچ، تۆمۈر يول تارماقلىرى ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن قانداق تەييارلىقلارنى قىلدى؟

     خۇاڭ شىن: تۆمۈر يول تارماقلىرى بۇ يىل يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ بېلەت (مەكتەپتىن ئۆيى تۇرۇشلۇق جايغا بارىدىغان بېلەت) سېتىۋېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. تەۋەلىكى بويىچە بېجىرىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ھەر قايسى ئۇچاستىكىلار ئۆز تەۋەلىكىدىكى رايونغا جايلاشقان مەكتەپلەرنىڭ كوللېكتىپ بېلەت سېتىۋېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ ۋە قوبۇل قىلىدۇ، تۆمۈر يول ئىدارىسى ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ بېلىتىنى باشلانما بېكەتنىڭ بەلگىلەنگەن پويىز ياكى ۋاقىتلىق پويىز پىلانىغا كىرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرىدۇ. ھەر قايسى ۋوگزاللار تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارغا كوللېكتىپ بېلەت سېتىپ بېرىدۇ.

     ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ بېلىتىنى بېجىرىشتە، 15 كۈن بۇرۇن يېقىن ئەتراپتىكى پويىز ئىستانسىسىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ بېلەت سېتىۋېلىش پىلانىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك، ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ بېلىتى سېتىلىدىغان پويىزلارنىڭ مېڭىش ۋاقتى 25 – ئىيۇندىن 20 – ئىيۇلغىچە بولىدۇ، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان پويىز ئىستانسىلىرى خادىملىرى پويىزنىڭ ئەمەلىي توشۇش ئەھۋالىغا قاراپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، پويىز قوزغىلىشتىن 11 – 15 كۈن ئىچىدە مەكتەپلەرگە بېرىپ بېلەت ساتىدۇ. يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، بېلەت قىس بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ بېلىتى ئۈچۈن پرىنسىپ بويىچە قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگوننىڭ بېلىتىلا سېتىپ بېرىلىدۇ.

     شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتىش بېلىتىنى سېتىۋېلىشمۇ يولغا قويۇلدى. مەكتەپلەرنىڭ ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىش بېلىتىنى سېتىۋېلىش ۋاقتى 16 – ئىيۇندىن 5 – ئىيۇلغىچە (بېجىرىش ۋاقتى)بولىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچى بېكىتىدە ئۆز ئالدىغا ئېشىپ قالغان قايتىش بېلىتىنى سېتىۋېلىش ۋاقتى 6 – ئىيۇلدىن 31 – ئىيۇلغىچە (بېجىرىش ۋاقتى)بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتىش بېلىتىنىڭ پويىزغا چىقىش ۋاقتى 20 – ئاۋغۇستتىن 10 – سېنتەبىرگىچە بولىدۇ. 

     قېرىنداشلارچە ۋە خاسلاشقان مۇلازىمەت گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ

     مۇخبىر: تۆمۈر يول تارماقلىرى يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە مۇلازىمەتنى ھەقىقىي ياخشىلاش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ؟

    خۇاڭ شىن: بۇ يىل يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلى تازا ئاۋات بولىدۇ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى بويىچە يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە 2 مىليون 614 مىڭ يولۇچى توشۇلۇشى مۇمكىن، بۇ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 199مىڭ 300 يولۇچى كۆپ بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %8كە يېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تۆمۈر يول تارماقلىرى ‹‹چىۋەر قارلىغاچ›› مۇلازىمىتىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، يولۇچىلارنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، قېرىنداشلارچە، خاسلاشقان مۇلازىمەتنى يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش خىزمىتى جەريانىدا گەۋدىلەندۈرىدۇ. تۆمۈر يول ئىدارىسى يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت سۈپىتى توغرىسىدىكى ئەرزلەرنى بىر تەرەپ قىلىش دىجۇرنى تېلېفونى 7924888 نى تەسىس قىلدى، توققۇز ئۇچاستىكا ۋە تۆمۈر يول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىمۇ يولۇچىلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى توغرىسىدىكى ئەرزىنى بىر تەرەپ قىلىش تېلېفونى تەسىس قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئەرزىنى تېز تەكشۈرۈپ، تېز بېجىرىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.  

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە