باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
شۋېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا باش بولۇشتا مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى
2009- 07- 02 10:56 شىنجاڭ گېزىتى

     شۋېتسىيە 1 – ئىيۇل چېخنىڭ ئورنىغا چىقىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2009 – يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولدى. تەھلىلچىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، شۋېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا باش بولۇشتا غايەت زور خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ‹‹ئىنتايىن مۈشكۈل››.

     شۋېتسىيە باش ۋەزىرى رېئىنفېلت يېقىندا شۋېتسىيە پارلامېنتىغا شۋېتسىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چۈشەندۈرگەندە مۇنداق دېدى: ياۋروپا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش 20  – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلىدى، سودا دائىرىسى تارايدى، ۋەيران بولغان كارخانىلار كۆپەيدى، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۆرلىدى. شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇ قورقۇنچلۇق پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش شۋېتسىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغان مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالىدۇ.

     خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمنىڭ كەمچىل بولۇشى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بېرىشتىكى تۈپ سەۋەب. شۇڭا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، يېڭى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بېرىشنى مەنبەدىن توسۇشنى قارار قىلدى. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغىنى پەقەتلا ئىسلاھات رامكىسى، بۇ رامكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شۋېتسىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئورۇندىلىدۇ.

     ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەت ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئورنىتىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتقاچقا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئورنىتىشقا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر شۋېتسىيىمۇ ئەنگلىيىگە ئوخشاش ياۋرۇ رايونى دائىرىسىگە تېخى كىرمىدى. شۇڭا بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان مېخانىزم ئورنىتالىشىغا گۇمانىي پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىدۇ.

     كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش شۋېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولغاندىن كېيىنكى يەنە بىر چوڭ ۋەزىپىسى. رېئىنفېلت مۇنداق دېدى: كىلىماتنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەخىرسىز ۋەزىپىگە ئايلاندى، شۋېتسىيە بۇ يىل 12 – ئايدا دانىيە پايتەختى كوپېنھاگىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش مەسىلىسى توغرىسىدا يېڭى خەلقئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ كوپېنھاگىن كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلدى.

     شۇنداقتىمۇ بۇ يىل 6 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا كىلىمات مەسىلىسى توغرىسىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىدەك ھەرىكەت بولمىدى. شۋېتسىيە جامائەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ ھەقتە: بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى ئىختىلاپىنىڭ خېلى چوڭلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دەپ ئوبزور ئېلان قىلدى.

     ئاشكارىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئاساسلىقى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشىغا قانداق ياردەم قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى پىكىر بىرلىكى يوق. دانىيە باشچىلىقىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر: ياۋروپا ئىتتىپاقى قانداقلا بولمىسۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشىغا ياردەم بېرىدىغان، كوپېنھاگىن كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا ماقۇللانغۇدەك لايىھە تۈزۈپ چىقىشى كېرەك، دەپ تەشەببۇس قىلدى. لېكىن پولشا ۋەكىللىكىدىكى شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ راسخوتنى دۆلەتلەر ئىقتىسادىي كۈچىگە ئاساسەن زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك، دېگەن پىكىردە چىڭ تۇردى.

     يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى چوڭ ۋەزىپىدىن باشقا، شۋېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش جەريانىدا باشقا خىرىسلارغىمۇ دۇچ كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئىرېلاندىيىنىڭ ‹‹لىسسابون شەرتنامىسى›› نى يەنە ئومۇمخەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشى پەيدا قىلغان خىرىس. ‹‹لىسسابون شەرتنامىسى›› نىڭ ماقۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىرېلاندىيىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىرېلاندىيىنىڭ ‹‹لىسسابون شەرتنامىسى›› نى يەنە ئومۇمخەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش توسالغۇسى ئاساسەن تۈگىتىلدى، لېكىن ئىرېلاندىيە 10 – ئاينى ئىككىنچى قېتىم ئومۇمخەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ۋاقتى قىلىپ بېكىتكەچكە، ئارىلىقتا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ‹‹لىسسابون شەرتنامىسى›› يەنە ماقۇللانمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن بىر گەۋدىلىشىشىگە ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. ‹‹لىسسابون شەرتنامىسى›› ماقۇللانغان تەقدىردىمۇ، شۋېتسىيە شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەشكىللەشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.

     ھازىر رېئىنفېلتنىڭ كۆز ئالدىدا ئورۇنداشقا تېگىشلىك مۇنداق بىر ۋەزىپە بار، ئۇ بولسىمۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا پارلامېنتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باروزونىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنى تەستىقلاشقا ماقۇل كەلتۈرۈش. بەش يىل ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان باروزو پورتۇگالىيىلىك مۇتەئەسسىپ سىياسىئون بولغاچقا، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە مۇھىت پارتىيىسى قاتارلىق ئوڭغا مايىل پارتىيە – گۇرۇھلار باروزونىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. باروزونىڭ قايتا تەيىنلىنىشى 7 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۇنجى ئومۇمىي يىغىنىدا تەستىقلانمىسا، تەستىقلاش ۋاقتى بۇ يىل 10 – ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىرېلاندىيىنىڭ ‹‹لىسسابون شەرتنامىسى›› نى ئىككىنچى قېتىم ئومۇمخەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشتىن كېيىنگە سۈرۈلىدۇ، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ فۇنكسىيىسىنى ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

     قىيىنچىلىق شۇنچە كۆپ، ۋەزىپە شۇنچە مۈشكۈل بولسىمۇ، رېئىنفېلت يەنىلا ئۈمىدۋار تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ شۋېتسىيە پارلامېنتىغا مۇنداق دېدى: شۋېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش ئۈچۈن، ئىككى يىلدىن ئارتۇق تەييارلىق كۆردى، مۇتلەق كۆپ قىسىم خىزمەت توغرىسىدا پىلان تۈزۈپ بولدى، شۋېتسىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا قۇربى يېتىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە