باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ھىندونېزىيە بىلەن مالايسىيا ئامبالاتا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى ئۈمىد قىلدى
2009- 07- 02 10:54 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جاكارتا، 1 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ھىندونېزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋونو سۇدارونو 30 – ئىيۇن جاكارتادا مالايسىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەھمەد زاھىد خەمىد بىلەن كۆرۈشتى، ئىككىيلەن ئامبالاتا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئالاقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.

     ھىندونېزىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يوۋونو سۇدارونو كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كېيىنچە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان توقۇنۇشتا تېخىمۇ ئىجابىي رولىنى جارىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن، بىرەسمىي كۆرۈشۈش ۋە زىيارەت قىلىشنى كۆپەيتىشى، شۇنىڭدەك ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ئامبالاتا دېڭىز تەۋەلىكىگە ياراملىق قوماندان ئەۋەتىپ، ئىككى تەرەپ ئارمىيىسىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ، توقۇنۇشتىن ساقلىنىشى زۆرۈر.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە