|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 1 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. روسىيە داغىستان جۇمھۇرىيىتىدە 1 – ئىيۇل ئۇدا ئىككى قېتىم ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر كىشى قازا قىلدى، 14 كىشى يارىلاندى.
خەلقئارا يېزىقلىق تېلېگراف ئاگېنتلىقىنىڭ داغىستان جۇمھۇرىيىتى دېربېنت شەھەرلىك ئىچكى ئىشلار شۆبە ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، موسكۋا ۋاقتى 1 – ئىيۇل سائەت نۆل ئەتراپىدا سالاھىيىتى نامەلۇم بىر تۈركۈم قوراللىقلار دېربېنت شەھەرلىك شۆبە ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىناسىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان، ۋەقەدە بىر ساقچى قازا قىلغان، ئىككى ساقچى يارىلانغان.
روسىيىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان داغىستان جۇمھۇرىيىتى قانۇنسىز قوراللىق ھەرىكەتلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان جاي. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، روسىيە دائىرىلىرى شۇ جايدىكى قانۇنسىز قوراللىقلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، بىراق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يەنىلا پات – پات يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ.
|