|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋېللىنگتون، 1 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ۋانۇئاتۇنىڭ سودا، سانائەت، تىجارەت ۋە ساياھەتچىلىك مىنىستىرى جامېس بىلېي 30 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: جۇڭگو 2010 – يىللىق دۇنيا يەرمەنكىسىنى ئۆتكۈزىدىغان ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى. تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھەم تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتقانلىقى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، ئىشىنىمەنكى شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى جەزمەن تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ ھەم ئەڭ ياخشى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا يەرمەنكىسى بولۇپ قالىدۇ.
بىلېي 30 – ئىيۇن پايتەخت ۋىلا پورتىدا ۋانۇئاتۇنىڭ شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش تەييارلىق خىزمىتىنى رەسمىي باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى ئېدۋارد ناتاپې، ۋانۇئاتۇنىڭ دىپلوماتىيە، سودا – سانائەت، مالىيە قاتارلىق ئىچكى كابىنېت مىنىستىرلىرى ھەم جۇڭگونىڭ ۋانۇئاتۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېڭ شۇپىڭ قاتارلىق ھەر ساھە زاتلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 150 كىشى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بىلېي مۇنداق دېدى: شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان دۆلەت ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ سانى تارىخىي رېكورت يارىتىشى مۇمكىن. بۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ۋانۇئاتۇنىڭ دۆلەت ئوبرازىنى تونۇتىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت بولۇپلا قالماي، ۋانۇئاتۇنىڭ ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇرۇش، مەبلەغ سېلىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان خەلقئارا بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋانۇئاتۇ دۇنيا يەرمەنكىسىدە جەزمەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى، ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتى ۋە ساياھەتچىلىك بايلىقىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرىدۇ.
|