باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
فرانسىيە پارلامېنتى يادرو سىنىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارغا تۆلەم بېرىش قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى
2009- 07- 02 10:46 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پارىژ، 30 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. فرانسىيە خەلق پارلامېنتى (پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى) 30 – ئىيۇن مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن 20 ئەسىردە فرانسىيىنىڭ يادرو سىنىقى جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كونا ئەسكەرلەرگە تۆلەم بېرىدىغان قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى.

     فرانسىيە 1960 – يىلىدىن 1996 – يىلىغىچە ئالجىرىيە ۋە فرانسىيىگە قاراشلىق پولىنېسىيە قاتارلىق جايلاردا 210 قېتىم يادرو سىنىقى قىلغان، تەخمىنەن 150 مىڭ پۇقرا ۋە ئەسكەر يادرو رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن.

     شۇ كۈنى بۇ قانۇن لايىھىسى 300 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 23 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ماقۇللاندى، تۆلەمگە ئېرىشىش ئوبييكىتى ئاساسلىقى يادرو سىنىقى جەريانىدا يادرو رادىئاتسىيىسىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كونا ئەسكەرلەر ئىكەن. فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇنداق كونا ئەسكەردىن نەچچە يۈزى بولۇپ، تۆلەم بېرىش ئۆلچىمىدە ب د ت نىڭ رادىئاتسىيىلىك ئۈنۈم تەتقىقاتى ئىلمىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان رادىئاتسىيىگە ئالاقىدار 18 خىل كېسەللىك ئاساس قىلىنىدىكەن، تۆلەم سوممىسىنى فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئالاھىدە بەلگىلىگەن مەخسۇس كومىتېت قارار قىلىدىكەن. 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە