باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
كورىيىدىكى كارخانىلار ئىقتىسادنىڭ ئىستىقبالىدىن يەنىلا ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ
2009- 07- 02 10:44 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سېئول، 29 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. يېقىندىن بۇيانقى دوكلاتقا قارىغاندا، كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا بولغان مۆلچەرى تەدرىجىي ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، بىراق كورىيىدىكى مەلۇم تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ 29 – ئىيۇن ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش مەلۇماتىغا قارىغاندا، كورىيىدىكى كۆپ ساندىكى كارخانىلار ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدا ئۆزگىرىش بولۇش – بولماسلىقىدىن يەنىلا ئەندىشە قىلىدىكەن.

     كورىيە مەملىكەتلىك ئىقتىسادچىلار بىرلەشمىسى قانات يايدۇرغان كارخانىلارنىڭ ئايلىق تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، كارخانىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىغا بولغان سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى بۇ يىل 7 – ئايدا 98.7 بولۇپ، 6 – ئايدىكى 100.2دىن تۆۋەن بولغان. بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ 100دىن تۆۋەن بولۇشى كۆپ ساندىكى كارخانىلارنىڭ تىجارەت مۇھىتىنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە