|
دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى 30 – ئىيۇن 2008 – يىللىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ بىرلىك GDP ئېنېرگىيە سەرپىياتى، بىرلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئېنېرگىيە سەرپىياتى، بىرلىك GDP توك سەرپىياتى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر توغرىسىدىكى ئاخباراتنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى. ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، 2008 – يىلى ئېلىمىزدە بىرلىك GDP ئېنېرگىيە سەرپىياتى %4.59 تۆۋەنلىگەن. بىرلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئېنېرگىيە سەرپىياتى %8.43، بىرلىك GDP توك سەرپىياتى %3.3 تۆۋەنلىگەن.
ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، 2008 – يىلى بىرلىك GDP ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئەڭ كۆپ بولغان ئۈچ جاي سەنشى، بېيجىڭ ۋە تيەنجىن بولۇپ، %7.39، %7.36 ۋە %6.85 تۆۋەنلىگەن؛ تۆۋەنلىشى ئەڭ ئاز بولغىنى خەينەن، شىنجاڭ ۋە سىچۈەن بولۇپ، %2.55، % 3.15 ۋە %3.55 تۆۋەنلىگەن.
ئاخباراتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئۆلكىلەر بويىچە بۇلتۇرقى بىرلىك GDP ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ رەتكە تۇرغۇزغاندا، ئالدىنقى ئۈچ ئۆلكە تەرتىپ بويىچە بېيجىڭ، گۇاڭدوڭ، جېجياڭ بولۇپ، بېيجىڭنىڭ بىرلىك GDP ئېنېرگىيە سەرپىياتى 0.662 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر\ 10 مىڭ يۈەن؛ كېيىنكى ئۈچ ئۆلكە تەرتىپ بويىچە گۇيجۇ، چىڭخەي، نىڭشيا بولۇپ، نىڭشيانىڭ بىرلىك GDP ئېنېرگىيە سەرپىياتى 3.686 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر \ 10 مىڭ يۈەن بولغان.
‹‹خەلق گېزىتى››دىن
|