باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى 7 – ئايدىن باشلاپ شەخسلەرگە سېتىلىدۇ
2009- 07- 02 10:39 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 29 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. 2010 – يىللىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنى تەشكىللىگۈچى ئاپپارات 29 – ئىيۇن شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ بېكىتىلگەن كۈننىڭ ئادەتتىكى بېلىتى ۋە نورمال كۈننىڭ ئادەتتىكى بېلىتىنىڭ 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ سېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

     1 – ئىيۇلدىن 31 – دېكابىرغىچە شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى 2 – قارارلىق ئالدىن سېتىش مەزگىلى بولۇپ، سېتىش ئوبيېكتى تۇنجى قېتىم شەخسلەرگە ئېچىۋېتىلدى، كوللېكتىپ بېلەتنى سېتىشمۇ ماس قەدەمدە باشلاندى.

     1 – ئىيۇلدىن باشلاپ، جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكى، جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو قاتناش بانكىسى ۋە جۇڭگو پوچتىسى قاتارلىق چېگرا ئىچىدىكى شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى ۋاكالىتەن ساتىدىغان تۆت چوڭ ئورۇن مەملىكەتتىكى 2796 ئەمەلىي سېتىش تور نۇقتىسىدا بېلەت سېتىشنى باشلايدۇ، ھەرقايسى ۋاكالىتەن سېتىش ئورۇنلىرى شەخسلەرگە بېلەت ساتىدىغان تور بېكەتلىرى ھەم تېلېفونلارنىمۇ تولۇق ئېچىۋېتىدۇ.

     شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ بېكىتىلگەن كۈننىڭ ئادەتتىكى بېلىتىنىڭ رەڭگى كۆك رەڭدە بولۇپ، ‹‹بېكىتىلگەن كۈن››  شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان 184 كۈن ئىچىدىكى 1 – مايدىن 3 – مايغىچە، 1 – ئۆكتەبىردىن 7 – ئۆكتەبىرگىچە، 25 – ئۆكتەبىردىن 31 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان 17 كۈننى كۆرسىتىدۇ. بېلەت باھاسى 200 يۈەن بولۇپ، 2 – قارارلىق ئالدىن سېتىش مەزگىلىدىكى ئېتىبار باھاسى 180 يۈەن. ‹‹بېكىتىلگەن كۈن››دىن باشقا 167 كۈن ‹‹نورمال كۈن›› بولۇپ، نورمال كۈننىڭ ئادەتتىكى بېلىتى سېرىق رەڭدە. بېلەت باھاسى 160 يۈەن بولۇپ، 2 – قارارلىق ئالدىن سېتىش مەزگىلىدىكى ئېتىبار باھاسى 140 يۈەن.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە