باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
شى جىنپىڭ: كومپارتىيە ئەزالىرى دەۋرنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈرۈشى كېرەك، دېدى
2009- 07- 02 10:32 شىنجاڭ گېزىتى

  

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى 30 – ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كومپارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيىۋىلىك ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇشتا زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈرۈشى كېرەك.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گوچياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

     شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئېلىمىزدىكى بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ھەرقايسى سەپلەردىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغان 88 يىل — جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولغان، ئۇلۇغ تارىخىي يۈكسىلىش ۋە تارىخىي بۆسۈشلەر ئىشقا ئاشۇرۇلغان 88 يىل بولدى. يولداش ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيىمىز ماركسىزم ئاساسىي نەزەرىيىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ، ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە خەۋپلەرنى يېڭىشكە يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىلىرىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەقدىرى، جۇڭگو تارىخىنىڭ يۆنىلىشى ۋە جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى.

     شى جىنپىڭ كومپارتىيە ئەزالىرىغا بەش تۈرلۈك تەلەپ قويدى. 1. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغ غايىسىنى پارتىيىمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىقنى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى كۈچلۈك تۈرتكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئەڭ ياخشى خىزمەت نەتىجىلىرىنى يارىتىش كېرەك. 2. جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە ئاڭلىق كۆرسىتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئالدىدا جاۋابكار بولۇش بىلەن ئامما ئالدىدا جاۋابكار بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلاپ، ئىشلارنى قانۇن بويىچە، ھەققانىي، ئادىل بېجىرىش، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش غايىسىنى ئامما بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش، خەلققە خىزمەت قىلىش، ئاۋامغا بەخت يارىتىش جەريانىدا ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 3. تىرىشىپ ئۆگىنىش، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش داۋامىدا ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش، ئەقىل – پاراسەت توپلاش، تەربىيىلىنىش داۋامىدا ھېسسىياتنى ساپلاشتۇرۇش، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىش، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش داۋامىدا پارتىيىۋىلىكىنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. 4. ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جاسارەتكە تولغان كۆتۈرەڭگۈ روھ، سىناشقا، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان دادىللىق، يول ئىچىپ ئىلگىرىلەيدىغان شىجائەتنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، قىيىنچىلىققا، زىدىيەتلەرگە يۈزلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىدا خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. 5. ئەخلاق ۋە تەربىيىلىنىشنى قەتئىي بوشاشتۇرماي، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئالىيجاناب ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالىيجاناب ئەخلاق ئوبرازى تىكلەپ، ‹‹سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس››تا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق بىلەن كامالەت تېپىپ، ئاممىنى ئەخلاقى بىلەن قايىل قىلىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى چاقىرىق كۈچىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش كېرەك.   

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە