باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
كەسىپ بىلەن خىزمەت ماسلاشتۇرۇلغاندىلا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاسان بولىدۇ
2009- 07- 02 10:26 شىنجاڭ گېزىتى

     ‹‹كەسىپ بىلەن خىزمەتنى ئەمدى ھەرگىزمۇ ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ!›› دېدى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 15 – ئىيۇن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا.

     ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مائارىپىنىڭ پەن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپ تەسىس قىلىش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى كۆرسىتىپ بەردى.

     ھەممىگە ئايانكى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرىدە، ھازىر ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. بۇنىڭغا قارىتا، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇلارنىڭ سالمىقى مىسلىسىز زور.

     ئون نەچچە يىل ئوقۇش ئاسان ئىش ئەمەس. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. پەرزەنتلەرمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بالدۇرراق مۇستەقىل بولۇپ، ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشنى ئويلايدۇ. شۇڭا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى جەمئىيەتنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.

     ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىدە گەرچە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە بىر كۈندىلا پەيدا بولغان ئەمەس. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى پەقەت ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى، ئەمما ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان ئالىي مائارىپتا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ‹‹كەسىپ بىلەن خىزمەت ماسلاشماسلىق›› مەسىلىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

     بىز دۇچ كەلگەن رېئاللىق شۇكى، بىر جەھەتتىن، نۇرغۇن كارخانىلار مۇۋاپىق ئىختىساسلىقلارنى تاپالماي، ‹‹ئىختىساسلىقلارنى تېپىش تەس››، دەپ ۋايسىماقتا؛ يەنە بىر جەھەتتىن، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالماي قىينالماقتا. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ بېسىمى ئاشماقتا، كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلىماقتا. قارىماققا قارىمۇ قارشىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

     دۆلىتىمىز 1977 – يىلى ئالىي مائارىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىنىگە 30 يىلدىن ئاشتى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەربىيىلەش نىشانىمۇ ئەڭ دەسلەپكى ‹‹سەرخىللار›› مائارىپىدىن ‹‹ئاممىباپ›› مائارىپقا راۋاجلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر يىلى نەچچە مىليون ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدۇ، 2008 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر 5 مىليون 590 مىڭغا يەتتى. رېئاللىق بىزگە، بۇنچە كۆپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يۇقىرى پەن تەتقىقات، ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى؛ ئالىي مائارىپنىڭ چوقۇم جەمئىيەتكە، بازارغا يۈزلىنىپ، جەمئىيەت جىددىي ئېھتىياجلىق ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ۋە چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويدى، ئىقتىساد تېز راۋاجلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت كۆرۈلۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىلدى. ئەمما بىز يەنە ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى ھېس قىلدۇقكى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ تەسىس قىلىشى مۇۋاپىق بولمىغاچقا، ماس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە يېتىشەلمەي قالدى. كان ئېچىش كەسپىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، بەزى ئالىي مەكتەپلەر 1993 – يىلىدىن باشلاپلا بۇ كەسىپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختاتقان بولۇپ، ھازىر بۇ جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلار ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەكتە.

     2008 – يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردە نۇقتىلىق كەسىپلەرگە جىددىي ئېھتىياجلىق، جىددىي كەمچىل بولۇۋاتقان كەسىپ قۇرۇلۇشى پىلانى يولغا قويۇلۇپ، ئۈچ يىلدا 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئىختىساسلىقلار كەمچىل كەسىپ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىلدى. ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇنىڭ نەتىجىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى تېخى ئوقۇش پۈتكۈزمەي تۇرۇپلا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۇلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ كېلىپ توختام ئىمزالىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كەسىپ بىلەن خىزمەتنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە بازار، ئىجتىمائىي ئېھتىياج نەزەردە تۇتۇلسىلا، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

     ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، يەنە قاراشنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت، ئەلۋەتتە. مائارىپ بىر كۈنلۈك ئىش ئەمەس، بەلكى بىر ئۆمۈرلۈك ئىش. گېرمانىيە فېدېراتسىيىسى مائارىپ ۋە تەتقىقات مىنىستىرلىكىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، گېرمانىيىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %60 ى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كەسپىي تەربىيىنى قوبۇل قىلىدىكەن ھەم تەخمىنەن ئىككى يىلدىن كېيىن خىزمەتكە چىقىدىكەن. گېرمانىيىلىك بالىلارنىڭ قارىشىچە، كەسىپ مائارىپنى تاللاش ئالىي مائارىپىنى تاللاشنى چەتكە قاققانلىق ئەمەس ئىكەن، پەقەت جەمئىيەتتە ئېھتىياج بولسىلا، ئۇلار ھەر قانداق ۋاقىتتا داۋاملىق ئوقۇيالايدىكەن. ئەمەلىيەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمى ھەممەيلەنگە كەڭ ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئاتا – بالا بىرلىكتە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئىشلارنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىغۇ؟!

     خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم ئۆلكىلىرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئازايغان. مېنىڭچە، بۇ يامان ئىش ئەمەس، ئۇ نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ تاللىشىنىڭ تېخىمۇ ئىدراكىيلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى يېڭى نەزەر نۇقتىسىدىن تەپەككۇر قىلىدىغان بولغاندا، بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىمۇ  ئۇزاققا بارماسلىقى مۇمكىن.      

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە