|
نۇر بەكرى ئىش باشلاش مۇراسىمغا قاتناشتى
ۋاڭ شىنخۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىدىن يەنە خۇش خەۋەر كەلدى : شىنجاڭ ‹‹چىڭخۇا›› كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا كۆمۈردىن 5 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ھاسىل قىلىش تۈرىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش مۇراسىمى 1 – ئىيۇل غۇلجا ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن كۈرەش مەخسۇت، ۋاڭ يۇڭمىڭ قاتارلىقلار قۇرۇلۇشقا ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شىنجاڭ ‹‹چىڭخۇا›› كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ئايلانما ئىقتىساد باغچىلاشقان سانائەت رايونىنى بۇ يىل 3 – ئايدا غۇلجىغا ماكانلاشقان ‹‹چىڭخۇا›› گۇرۇھى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، يەر كۆلىمى 5.8 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 27 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن. ھازىر 500 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنىپ، زاۋۇت رايونىنى تۈزلەش قاتارلىق خىزمەتلەر تاماملاندى، يول، سېخ قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنمەكتە، بۇ يىل ئىچىدە قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ 1 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. يىلىغا كۆمۈردىن 5 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ھاسىل قىلىش تۈرى باغچىلاشقان سانائەت رايونىدىكى يادرولۇق تۈر بولۇپ، قۇرۇلۇش تۆت قارارغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشقا 8 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 2011 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.
نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى كارخانىلار ۋە ئىلى ئوبلاستىغا كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ بېرىدۇ، جۈملىدىن جەمئىيەتنى 10 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئىلى ئوبلاستى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ، كارخانىغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كارخانىنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|