|
مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 1 – ئىيۇل كەچتە جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېگۇاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ لېچۈەن جاڭ دېگۇاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربكە چىقىرىشنىڭ باش ئىستىھكامى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىساد جەھەتتە ناھايىتى كۈچلۈك ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز بولۇپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىق كۈنسېرى كۈچەيمەكتە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى ئىنتايىن كەڭ. ھازىر شىنجاڭ ئىقتىساد تەرەققىي قىلىۋاتقان، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا. سىلەرنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىش، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئالاقە – ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغان، رىقابەتلىشىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق سەھنىسى بەرپا قىلىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. جاڭ دېگۇاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقە – ھەمكارلىقى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سەھنە ھازىرلاپ، ئەتراپلىق مۇلازىمەت ۋە ياردەم قىلىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە چۈشەندۈرۈپ ۋە تونۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساھە، تېخىمۇ كۆپ قاتلام بويىچە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، بەي جىجيې، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
|