|

فاڭ يۈنجىڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى 30 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن چەت ئەللەردىكى خەنزۇ يېزىقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى سۆز قىلماقتا

چەت ئەللەردىكى خەنزۇ يېزىقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ ياڭ سۆز قىلماقتا
بۇ ئۆمەككە گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ ياڭ يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئەزالىرى فرانسىيە ‹‹ياۋروپا ۋاقتى گېزىتى››، ئامېرىكا ‹‹ ئامېرىكا – جۇڭگو ئەلچىسى گېزىتى››، كانادا ‹‹بۈيۈك جۇڭخۇا سودا گېزىتى›› قاتارلىق خەنزۇ يېزىقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەلگەن. ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە كۈندە ئالتاي، قاراماي، شىخەنزە ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى زىيارەت قىلىدۇ.
لى يى ئالدى بىلەن ئۆمەكتىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، 60 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، ھەر مىللەت پۇقرالىرى بارغانسېرى كۆپ نەپكە ئېرىشىۋاتىدۇ، شىنجاڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى. سىلەرنىڭ زىيارەت ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان، مۇقىم، ئىناق، ئىتتىپاق ۋە ئىستىقبالى پارلاق شىنجاڭنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋ ياڭ زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ زىيارەت ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقىي شىنجاڭنى دۇنياغا ئوبيېكتىپ تەشۋىق قىلىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ۋاسىتىچىلىك رول ئويناپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ خەنمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا

چەت ئەللەردىكى خەنزۇ يېزىقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بىر ئەزاسى سوئال سورىماقتا
|