باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچىدە قۇرۇلىدىغان تۇنجى ستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانماقچى
2009- 07- 02 09:43 تەڭرىتاغ تورى

     1–ئىيۇل ، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە ، مەركىزىي شەھىرىدىكى تۇنجى ستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشىدا يېقىندا ئىش باشلانماقچى بولۇپ ، قۇرۇلۇش مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا رەڭدار توسۇقلار قۇرۇلۇپ بولغان .

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ، نۆۋەتتە ، ستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى پۈتكەن بولۇپ ، تىيانشان رايونلۇق ج خ تارماق ئىدارىسى پۈتۈنلەي كۆچۈپ بولسىلا قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن ، مۆلچەرلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلىدىغان تۇنجى ستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇ يىل پۈتۈپ بولىدىكەن .  

     بۇ ستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىي مەدەنىيەت يولى 5 – نومۇر ( ئىلگىرىكى تەڭرىتاغ رايونلۇق ج خ تارماق ئىدارىسىنىڭ ئورنى ) غا قۇرۇلىدىغان بولۇپ ، 2695.91 كۋادرات مېتىرلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن ، ئىسكىلاتنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 17330 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان قىلىپ لايىھىلىندىكەن . ئىسكىلات يەر ئاستى بەش قەۋەت ، يەر ئۈستى توققۇز قەۋەت قىلىپ لايىھىلەنگەن بولۇپ ، جەمئىي 547 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بار ئىكەن ، ئىسكىلاتقا پىكاپ ۋە ئوتتۇرا تىپلىق ئاپتوموبىللارنى توختىتىشقا بولىدىكەن . شىمالىي مەدەنىيەت يولى 5–نومۇرغا جايلاشقان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ، توختىتىلماقچى بولغان ئاپتوموبىللار پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك باشقۇرۇلىدىكەن ، مەيداننىڭ 6 ~ 8 گىچە كىرىش ئېغىزى بولۇپ ، ۋېرتىكال چۈشۈرۈپ–چىقىرىش ۋە پاراللېل يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ئورنى تەڭشىلىدىكەن .

     بۇ مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ ستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، شوپۇرلار پەقەت ئاپتوموبىلنى ئىسكىلات ئالدىغا توختىتىپ قويۇپ ، ئىسكىلات سىرتىدا كارتا سۈركەش ئارقىلىق رەسمىيەت ئۆتىگەندىن كېيىن ، تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئاپتوموبىلنى ئاپتوماتىك ھالدا مۇۋاپىق توختىتىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن . ھەر قېتىملىق ئاپتوموبىل توختىتىش جەريانىغا پەقەت 90 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدىكەن .

     ئىگىلىنىشىچە ، 2009–يىلىدىن 2010–يىلىغىچە ، ھۆكۈمەت 160 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، ستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن تۆتنى سالىدىكەن .

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە