باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
تۆمۈر يول ساقچىلىرىنىڭ قاچقۇنلارنى توردا ئىزدەپ تۇتۇش ئىقتىدارى ئاشتى
2009- 07- 01 11:28 شىنجاڭ گېزىتى

     گۈلمىرە مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ج خ باشقارمىسى پەن – تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ساقچىلارنى قاچقۇن تۇتۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ قاچقۇنلارنى توردا ئىزدەپ تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغاچقا، 1 – ئايدىن 5 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 106 قاچقۇن توردا ئىزدەپ تۇتۇلدى.

     ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ج خ باشقارمىسىنىڭ تۆمۈر يول ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى يولۇچىلار پويىزىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىۋاسىتە تەكشۈرۈش بىلەن تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈردى، خادىملارغا 37 كومپيۇتېر، 270 سۆزلىشىش ئاپپاراتى، 2 – ئەۋلاد كىملىك پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى سەپلەپ بەردى. قاچقۇن قوغلاش جەريانىدا، تۆمۈر يول ساقچىلىرى ئورۇندۇقلۇق ۋاگون ۋە ۋاگون تۇتىشىدىغان جايغا ‹‹پوست›› قويۇپ، نۇقتىلىق ۋاقىت، نۇقتىلىق ۋوگزال، نۇقتىلىق يۆنىلىش ۋە نۇقتىلىق يولۇچىلارغا دىققەت قىلىپ، ھەرىكىتى گۇمانلىق يولۇچىلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى.  رازۋېدكا ماھىرلىرىنى رازۋېدكا چارىسى، ماھارىتىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، قاچقۇن قوغلاش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، تەجرىبە تونۇشتۇرۇش،  كەسپىي خادىملارنى كىملىكنىڭ راست – يالغىنىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، تۆمۈر يولنىڭ ئامانلىق مۇھىتىنى ياخشىلىدى.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە