باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
2009 – يىللىق جۇڭگو ‹‹ رۇس تىلى يىلى ›› شىنجاڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
2009- 07- 01 11:18 تەڭرىتاغ تورى

 مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش

      30–ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ، 2009–يىللىق جۇڭگو ‹‹ رۇس تىلى يىلى ›› شىنجاڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ۋە ئەدەبىيات–سەنئەت كېچىلىكى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى .  

      بۇ يىل ، جۇڭگو – رۇسىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتى يارىتىلىپ ، ئېنېرگىيە ، سودا قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق كۈچىيىپ ، مىسلىسىز نەتىجىلە قولغا كەلتۈرۈلگەن يىل .

         دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خاۋ پىڭ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ جۇڭگو ئەلچىخانىسىدا تۇرۇشلۇق مەسلىھەتچىسى مۇراسىمغا قاتنىشىپ ، ئايرىم–ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى . دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ رەھبەرلىرى ، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ جۇڭگو ئەلچىخانىسىدا تۇرۇشلۇق مەسلىھەتچىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىرى رۇسىيىنىڭ شېئىر ، ناخشا ، ماقالە ۋە زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچى ، ئىككىنچى ، ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارغا مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى شۇنداقلا ، يېرىم يىلدىن بۇيان جۇڭگو ‹‹ رۇس تىلى يىلى ›› شىنجاڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە قاتناشقان ئىلغار مەكتەپ ۋە ئورۇنلارغا ‹‹ ئىلغار كوللېكتىپ ›› مۇكاپاتى تارقىتىپ بەردى.

    جۇڭگو – رۇسىيىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىناق خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدىكى ئىجتىمائىي ئاساسىنى  مۇستەھكەملەش ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ، جۇڭگو –رۇسىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ، جۇڭگو–رۇسىيە ئىككى تەرەپ 2009–يىلى جۇڭگودا ‹‹ رۇس تىلى يىلى ›› پائالىيىتىنى ، 2010–يىلى رۇسىيىدە ‹‹ خەنزۇ تىلى يىلى ›› پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ ، بۇ جۇڭگو – رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستلۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ، سىتراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يەنە بىر چوڭ پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ.  

     شىنجاڭ — 2009–يىللىق جۇڭگو ‹‹ رۇس تىلى يىلى ›› پائالىيىتىدىكى مۇھىم رايونلارنىڭ بىرى . نۆۋەتتە ، ‹‹ رۇس تىلى يىلى ›› شىنجاڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىدىكى رۇسىيە شېئىرلىرى ، ناخشىلىرى ، ماقالىلىرى ۋە زېھىن سىناش قاتارلىق تۆت چوڭ تۈردىكى مۇسابىقە ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشقان . ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە يەنە رۇسىيە ماي بوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىسى ، جۇڭگو –رۇسىيە ئوقۇغۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، ھەر قايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا رۇس تىلى ئۈگىنىش ، رۇس تىلىنى چۈشىنىش يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن.

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇ چىنرۈي ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كې لى قاتارلىق رەھبەرلەر ھەمدە 2009–يىللىق ‹‹ رۇس تىلى يىلى ›› شىنجاڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى تۈرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ ، جەمئىي 3000 غا يېقىن كىشى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى .  

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە