باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
شى جىنپىڭ: گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى
2009- 07- 01 10:45 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26 – ئىيۇن خەۋىرى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 26 – ئىيۇن مەركەز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 8 – قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە يىغىندا سۆز قىلدى.

     2 – باسقۇچلۇق ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى 6 – ئاينىڭ ئاخىرى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچىغا ئومۇميۈزلۈك كىردى.

     شى جىنپىڭ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە بەش تەلەپ قويدى: بىرىنچى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشكە، خەلق تۇرمۇشىغا، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىشنى ئىقتىسادنى سىلىق، تېزرەك راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكرېت ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 88 يىللىقى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى چۆرىدەپ، بارلىق پارتىيىلىك كادىرلارنى پارتىيىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسى، لۇشيەنى، پروگراممىسى ۋە تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ھەر خىل تېمىدىكى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى ۋە ئۈلگە يارىتىش – ئىلغارلىقنى تالىشىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بارلىق پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇجەسسەملەش كېرەك. ئۈچىنچى، ئاممىنىڭ پىكرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۈرلىرىدە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش نىشانىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىدە ئۈنۈمگە ئېرىشىش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى كونكرېتلاشتۇرۇش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇش، تۈزىتىش زۆرۈرىيىتى بار ئىشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىغا بەرگەن ۋەدىنى نەقلەشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھەممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ھەل قىلىش قىيىن بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى باشلامچى بولۇپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. بەشىنچى، ئۆز جايى ۋە ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمدا پائال، مۇقىم يېڭىلىق يارىتىپ، باشقۇرۇش چارىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمدىكى ئىلمىي تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېتەرسىزلىك ۋە توسالغۇلارنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ئورۇننىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدىكى ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلەرنى تۈزۈملەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.  

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە