|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىئەن خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 12 – نۆۋەتلىك دۇنيا تىتان يىغىنى 2011 – يىلى 6 – ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ ئېلىمىز تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن خەلقئارالىق تىتان مۇھاكىمە يىغىنى بولىدىكەن.
تىتان مېتاللار ئىچىدىكى ‹‹ھەممىگە قادىر مېتال››. ئۇ پولات، داتلاشماس پولات، ئاليۇمىن قاتارلىق قۇرۇلما ماتېرىياللىرىنىڭ نۇرغۇن ئەۋزەل خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە بولۇپ، ھاۋا، قۇرۇقلۇق، دېڭىز – ئوكيان ۋە ئالەم بوشلۇقىدىكى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق تاشقى قاتلامدا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.
21 – ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تىتان سانائىتىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئاجايىپ تېزلەشتى، دۇنيادا %3 تىن %5 كىچە نىسبەتنى ئىگىلەشتىن %20لىك نىسبەتنى ئىگىلەشكە ئۆتتى؛ جۇڭگونىڭ 10 مىڭ توننا تىتان ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بار بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو تىتانغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي تەتقىقاتتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەپ، خاس بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يۇقىرى ئىقتىدارلىق تىتان قېتىشما ماركىسىنى ياراتتى.
|