باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ھالقىلىق پەيتتە بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ
2009- 07- 01 10:30 شىنجاڭ گېزىتى

— زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ شەندۇڭدا خىزمەت تەكشۈرگەنلىكى توغرىسىدا

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى بىڭ

زۇڭلى ۋېن جياباۋ ئىشچىلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشمەكتە

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 27 –، 28 – ئىيۇن شەندۇڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىدە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى سىلىق ھەم تېزرەك راۋاجلاندۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىتنى ئاسراش، شەھەر، يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش، رايونلارنى ماس راۋاجلاندۇرۇش، شۇنىڭدەك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

     ۋېن جياباۋ جىنەن، زىبو، بىڭجۇ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كارخانىلارنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە رىغبەتلەندۈردى. بۇ زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ بىر ئايدىن بۇيان ئۇدا تۆتىنچى قېتىم ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنىدە جايلارنى تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىشى.

     زۇڭلى ۋېن جياباۋ 27 – ئىيۇن ‹‹جىنجىڭ›› ئەينەك گۇرۇھىغا كەلدى. بۇ جۇڭگودىكى تۇنجى ئەينەك كارخانىسى بولۇپ، 105 يىللىق تارىخقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە ئاق ئەينەك قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، سېتىش مىقدارىنى مۇقىم ئاشۇردى. ۋېن جياباۋ بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن خۇشال بولۇپ: قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەڭلەر شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، قەتئىي بوشاشماي ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىجاد قىلغاندىلا، 100 يىللىق تارىخقا ئىگە كونا زاۋۇتمۇ جەزمەن ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قالالايدۇ، دېدى.

     ۋېن جياباۋ شەندۇڭ ‹‹دۇڭيۆ›› گۇرۇھىدا ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئىقتىسادىي رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغىلى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال ۋە ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش تېخنىكىسىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، يېتىشتۈرۈشىمىز ۋە مەدەت بېرىشىمىز، نەزەرىمىزنى يەنىمۇ يىراققا تىكىپ، كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى بالدۇرراق تۈزۈشىمىز كېرەك. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنى قۇرۇلمىنى تەڭشەش بىلەن باغلاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدىكى تەكشىسىزلىك، تۇراقسىزلىق، سىجىل بولماسلىق مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

     ‹‹گۈييۈەن›› يېڭى ماتېرىيال شىركىتى، ‹‹چىلۇ›› يۇمشاق ماتېرىيال رايونى قاتارلىق بىرقانچە كارخانىغا بارغاندا، ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە، پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسىغا، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىگە باغلىق. كارخانىلار پەن – تېخنىكىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىش، يېڭى كەشپىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك. بىز ھەممە كىشىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشىغا شارائىت يارىتىشىمىز، تەرەققىياتنى تېخنىكا تايانچىغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

     ۋېن جياباۋ يەنە جۇڭگو ئېغىر تىپلىق ئاپتوموبىل گۇرۇھى ۋە جىنەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ جۇڭگو ئېغىر تىپلىق ئاپتوموبىل گۇرۇھىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن مەھسۇلات سۈپىتى ۋە كارخانىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، قىيىنچىلىق ئىچىدە رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى، پۇختا ئاساس سېلىشنى ئۈمىد قىلدى. جىنەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھىدا زۇڭلى ۋېن جياباۋ قىزدۇرۇپ پروكاتلانغان تاختا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ۋە كەسكىن بازار رىقابىتىدە، پولات – تۆمۈر كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن جەزمەن ئىرادىنى چىڭىتىش، قۇرۇلمىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەش، كۈچەپ تېخنىكا ئۆزگەرتىش، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قەتئىي شاللاش، كارخانىلارنى قوشۇۋېتىپ قايتا تەشكىللەش، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا مېڭىش كېرەك.

     ۋېن جياباۋ 27 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ‹‹ۋېيچياۋ›› ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇھىغا كەلدى. يىپ ئىگىرىش، توقۇش سېخىدا ئۇ جاپالىق ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى. دۆلەتنىڭ بىر قاتار يۆلەش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، كارخانىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان زۇڭلى مۇنداق دېدى: توقۇمىچىلىق كەسپى تاشقى ئېھتىياج بازىرىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغاچقا، قىيىنچىلىقى ئېغىر، بۇنداق ئەھۋالدا يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، داۋاملىق تىرىشىش كېرەك. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئەلئارا كاپىتالنى بازارغا سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىش، مونوپوللۇققا ۋە چەكلىمىگە قارشى تۇرۇش كېرەك.

     ۋېن جياباۋ 28 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن جىنەن شەھىرىدىكى ‹‹ئاپتاپ›› ھەدىلەر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. شىركەتنىڭ مەسئۇلى زۇڭلىغا: ھازىر شىركىتىمىز بازارنى ئىنچىكە ئايرىپ، 12 چوڭ تۈردىكى 31 خىل ئائىلە مۇلازىملىقىنى يولغا قويدى. يېقىندا يەنە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 300 ئوقۇغۇچىنى مەخسۇس دەسلەپكى مائارىپ ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بويىچە تەربىيىلىدۇق، دېدى. ۋېن جياباۋ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شىركەتنىڭ 2 – قەۋىتىدىكى دەرسخانىلاردا ئاياللارنىڭ بەزىلىرى تاماق ئېتىشنى ئۆگەنسە، بەزىلىرى گۈل تىزىشنى، بەزىلىرى بوۋاقلارنى ئۇۋۇلاشنى ئۆگىنىۋاتاتتى. ۋېن جياباۋ ھەر بىر دەرسخانىغا كىرىپ، ئۆگىنىۋاتقان ئاياللارنى يوقلىدى. ئۇ: سىلەر ئۆزۈڭلار ئاپتاپتەك مېھرىبان ئىكەنسىلەر، تۇرمۇشۇڭلار ئاپتاپتەك ئىللىق ئۆتۈۋېتىپتۇ، ئىستىقبالىڭلارمۇ جەزمەن ئاپتاپتەك پارلاق بولىدۇ، مېھىر – مۇھەببەتنى ھەر بىر ئائىلىگىچە يەتكۈزۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

     ۋېن جياباۋ 27 – ئىيۇن كەچتە جىنەندە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، خەلقنى تۇرمۇش غېمىدىن خالاس قىلىش، ئادەمنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانغان، كاپالەتكە ئىگە بولغاندىلا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىز ئاندىن ھەقىقىي مەنىسىنى تاپىدۇ، دېدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن ، 29 – ئىيۇن تېلېگراممىسى)

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە